تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ‹‹مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار قائىدە – بەلگىلىمىلەر، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا ‹‹مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار قائىدە – بەلگىلىمىلەر، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹ئۇقتۇرۇش›› دەپ ئېلىندى)نى تارقاتتى.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئىتىنى باراۋەر قوغدايدىغان قانۇنچىل مۇھىت بەرپا قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار قائىدە – بەلگىلىمىلەر، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: گوۋۇيۈەن تارماقلىرى ۋە يەرلىكتىكى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەم ئۇنىڭغا قاراشلىق تارماقلار تۈزگەن قائىدە – بەلگىلىمىلەر، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەر بۇ قېتىملىق ئېنىقلاش دائىرىسىدە بولۇپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىنىڭ مۈلۈك ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقى، تىجارەت ھوقۇقى، تاپاۋەت ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلۈك مۈلۈك ھوقۇقىنى باراۋەر قوغداشقا خىلاپ بەلگىلىمىلەر، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى، كارخانىلار بىلەن پۇقرالارنىڭ كۆچمەس مۈلۈك سودىسى قاتارلىق ھەق تەلەپ سۇبيېكتلىرىنىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى چەكلەيدىغان نامۇۋاپىق بەلگىلىمىلەر، شۇنداقلا بازار ئىجازىتى، ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىدىن پايدىلىنىش، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە، سېلىنما، باھا قاتارلىق سىياسەتلەردە ئوخشىمىغان مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىك سۇبيېكتلىرىغا پەرقلىق، كەمسىتىپ مۇئامىلە قىلىدىغان بەلگىلىمىلەر نۇقتىلىق ئېنىقلىنىدۇ.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئېنىقلاش خىزمىتى بۇ يىل ئىچىدە تاماملىنىدۇ، ‹‹كىم تۈزگەن بولسا شۇ ئېنىقلاش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى پىكرى››دە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۈرلۈك ۋەزىپە ۋە ئالاقىدار بېقىندۇرغۇچى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، بىكار قىلىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، قائىدە – بەلگىلىمىلەر، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى بىرمۇبىر مۇھاكىمە قىلىپ ئېنىقلاپ، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىكلىرىنى تولۇق ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بىكار قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوغداش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كەم – كوتسىز، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جايلار، تارماقلار ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كونكرېت لايىھە تۈزۈپ، مەسئۇلىيەت بويىچە ئىش تەقسىملەش ۋە ۋاقىت چەكلىمىسى تەلىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئېنىقلاش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ قانات يايدۇرۇشى كېرەك. نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا ئالاقىدار قائىدە – بەلگىلىمىلەر، قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىغا ئاساسەن جانلىق ئېنىقلىشى كېرەك. ۋاقتىدا ئېنىقلىمىغانلار، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ۋەزىپىسى، تەدبىرلىرىنى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەسىر يەتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. جايلار، تارماقلار تەشۋىق قىلىش ۋە خەۋەر قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلىشى ھەم ئېنىقلاش نەتىجىسىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.