تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كەلدى

  ‹‹يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئەركىن ئىمىرباقى باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە شىنجاڭدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››نىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە بىڭتۈەننىڭ ‹‹يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››نى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مائارىپ – پەن – مەدەنىيەت – سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋۇ خېڭ كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇنىڭ ‹‹يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››نىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇردى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن قوماندان لى پىڭ ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەننىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئەھۋالىنى ئايرىم – ئايرىم تونۇشتۇردى.

  ئەركىن ئىمىرباقى ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ ‹‹يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى››نى ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشتا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئاممىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى مۇھىم ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈپ، كاپالەت تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  ئەركىن ئىمىرباقى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتىكى تۈرلۈك بەلگىلىمىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ جىسمانىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە قىسمەن ۋىلايەت، ئوبلاستلارنىڭ ‹‹يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى›› ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات – تەربىيە ئەھۋالى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، خىزمەت مېخانىزمى ئەھۋالى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدارى ئەھۋالى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش كاپالىتى ئەھۋالى، ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى ئەھۋالى، ۋاكسىنا ئەملەش ئەھۋالى ھەم ۋاكسىنىنىڭ سۈپىتىنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى نەق مەيداندا تەكشۈردى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى