تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

ئارىشاڭ ناھىيەسىدە ياۋا تاغ ئۆچكىسى ئوغلىقى سۈرەتكە تارتىۋېلىندى

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئارىشاڭ ناھىيەسى خۇرەبېكجىن تېغىدا، مۇخبىر تۇغۇلغىنىغا ئۇزۇن بولمىغان بىر ئوغلاقنى سۈرەتكە تارتىۋالدى. بۇ ئوغلاقنىڭ چىڭ دەسسەپ تۇرۇشلىرى، يوغان، ئوماق كۆزلىرى، يېڭىلا تۇغۇلۇپ ھېچنىمىدىن قورقماي، ئەكسىچە ھەممە نېمىگە قىزىقىش ئىلكىدە قاراپ تۇرۇشلىرى ھەممەيلەننىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈردى.

  مۇخبىر 10 نەچچە تۇياق دۆلەت دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ياۋا تاغ ئۆچكىسىنى ئىز قوغلاپ سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا، بۇ ئوغلاقنى سۈرەتكە تارتىۋالغانىدى. يېڭى تۇغۇلغان ئوغلاقنى سۈرەتكە تارتىش ئۇنچە ئاسان ئەمەس . شىمالىي تاغ ئۆچكىسى ھەر يىلى 4-ۋە 5-ئايلاردا ئوغلاقلايدىغان بولۇپ، كۈشەندىلىرىنىڭ بالىلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دائىم دېگۈدەك قىيا تىك يارلارنىڭ باغرىدا ئوغلاقلايدۇ. ئۇلارنىڭ تاللىغان جايى ئىنتايىن يوشۇرۇن ۋە تىك ھاڭلىق بولغاچقا بۆرە، يىلپىز قاتارلىق گۆشخور ھايۋانلار ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن ياۋايى ھايۋان فوتوگرافلىرى شىمالىي تاغ ئۆچكىسىنىڭ ئوغلاقلىرىنى سۈرەتكە تارتىشقا تەشنا بولسىمۇ، ئەمما، بۇ ئارزۇسىغا يېتىدىغانلار بەكلا ئاز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى