تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، تۈرلۈك تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزدى

  مۇخبىرىمىز مېھرىگۈل غوپۇر خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، ئاپتونوم رايوننىڭ دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى، شۇنداقلا باشقا ئىشلارنى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر شاۋكەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غايە – ئېتىقادنى چىڭىتىپ، نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسىنى يېتەكچى قىلىپ، ماركسىزمنى ئۆگىنىشنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش ھوقۇقى، نازارەت قىلىش ھوقۇقى، قارار چىقىرىش ھوقۇقى، تەيىنلەش – قالدۇرۇش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە ياخشى يۈرگۈزۈش؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى ۋە پۈتكۈل جەريانىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭ داشۆسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە جۇڭگو سىياسىي – قانۇن داشۆسىدىكى ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ قىلغان مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى مائارىپ خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىزنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، ئالاقىدار نىزام – بەلگىلىمىلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئالاقىدار قانۇن – نىزام ۋە سىياسەت – تەدبىرلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشتا توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە توغرا ئىگىلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ پىلانلاپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىدىكى مەسئۇلىيىتى، رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى ۋەزىپىسىنى كەم – كوتسىز ياخشى تاماملاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: دەريا – كۆللەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا دائىر يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، دەريا – كۆللەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشنى كۈچەيتىشتىكى تۈپ تەدبىر قىلىپ، سۇنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دەريا – كۆللەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداشقا ئائىت نىزام – بەلگىلىمە سىستېمىسىنى ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىپ، تېزدىن تۈزۈپ چىقىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەريا – كۆللەرگە چېتىلىدىغان ھەرىكەتلەرنى قانۇنچىللىق ئىزىغا ھەقىقىي سېلىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن لى شۆجۈن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرلاردىن مۇتەللىپ قاسىم، گۈلشاد ئابدۇقادىر، مانەن زەينەل، سو يۆ يىغىنغا قاتناشتى، مۇئاۋىن مۇدىر دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.