تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئەتراپىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

5-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار يېنىدىكى بىناغا قۇرۇلۇش جازىسى ئورنىتىلدى.

   ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا «ئىمارەتلەرنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، ئىسسىق ساقلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىشنى ئاساس قىلغان گۈزەللەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى» ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. ھازىر 734 ئورۇندىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىش تەرتىپكە سېلىندى، بۇ، 10 مىڭ 25 كىۋادرات مېتىر يەرگە چېتىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىنالارنىڭ سىرتقى تىك يۈزىنى ئۆزگەرتىش ۋە تۇرۇبا لىنىيەسى ياتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەر ئىشلەنمەكتە.

   شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى ئىسلاھ قىلىش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا چوڭ بازار مەركەز قىلىنغان بولۇپ، ئەتراپتىكى ئىمارەتلەر ئۆزگەرتىلىدۇ. ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى كوچىلاردىكى ئىمارەتلەرنىڭ تىك يۈزىنى رېمونت قىلىش، قورشاۋ تام، ئېلان تاختىلىرىنى تازىلاش ۋە گۈزەللەشتۈرۈش، ئىمارەتلەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش، يوللاردىكى شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مىللىيچە ئالاھىدىلىك ئاساسىي تېما قىلىنىدىغان بولۇپ، جەنۇبتا تاشقى ئايلانما يولى، شەرقتە ئالتۇن-كۈمۈش يولى، شىمالدا لۇڭچۈەن كوچىسىغا تۇتىشىدۇ، كۆلىمى تەخمىنەن 380 مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، 73 ئىمارەتكە چېتىلىدۇ، يەنە يېڭىدىن 800 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى مىللەتلەر پىيادە كوچىسى ياسىلىدۇ، قۇرۇلۇشنىڭ بۇ يىل 8-ئايدا پۈتۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

   ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تىيانشان رايونىدا توك سىمىنى يەرگە كۆمۈش، ئەسلىھەلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش، كوچا مەنزىرىسىنى گۈزەللەشتۈرۈش، ئىمارەتلەرنىڭ سىرتقى يۈزىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، ئىسسىق ساقلايدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىقلارنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلىدىكەن. ھازىر 21 يولنىڭ خەلقئارا چوڭ بازار رايونى، جۇجياڭ يولىنىڭ شەرققە ئۇزارتىلغان قىسمى، تىيانشان يولى، ئىتتىپاق يولى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى