تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىلدى

  يىغىندا ‹‹دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى پۇختىلاش››نى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرى مەخسۇس كېڭىشىلدى

  مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 2 – قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى، يىغىندا ‹‹دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىنى پۇختىلاش››نى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرى مەخسۇس كېڭىشىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى.

  يىغىندا تۇرغان پىدا قاتارلىق توققۇز يولداش سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، دىققەتنى ئىزچىل باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.

  ئەزا تۇرغان پىدا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جېلىل ناسىر مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچ ئۇلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى يۈ مېي مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش – ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىنىڭ كەسپىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەممە ئائىلىگە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك؛ دولقۇن ئابدۇرېھىم سىياسىي كېڭەش خوتەن ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىش ۋە ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتىدە ‹‹قوش يۆنىلىشلىك ئالاقە››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈنۈمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋۇ شيەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش جەمئىيەت، قانۇنچىلىق ۋە شياڭگاڭلىق، ئاۋمېنلىق، تەيۋەنلىك چياۋمىنلار تاشقى ئىشلار كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى چېن چى دېموكراتىيە ئىتتىپاقى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئومۇملاشتۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ تۆمۈر مەمەت سىياسىي كېڭەش قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ھەر مىللەت ياشلارنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سۇپا بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر مىللەت ياشلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر بىخلاندۇرۇش كېرەك؛ دائىمىي كومىتېت ئەزاسى خوۋ خەنمىن ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي قاتلامدىكى ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ۋە ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئەزا سېرجان ئوقۇباي سىياسىي كېڭەش ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

   ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رېن خۇا يىغىنغا قاتنىشىپ تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى چېڭ جېنشەن ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى، مۇئاۋىن رەئىس جۈرئەت ئىمىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن مۇتەللىپ ئوبۇل، دۇ ۋەنگۈي، چيۇ شۇخۇا، ئىلھام سابىر، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.