خەيئېر مەدەنىيەت سارىيىدا كۆرگەزمىگە قويۇلغان «چىڭداۋ توڭلاتقۇ باش زاۋۇتى»نىڭ زاۋۇت تاختىسى (5-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
شىنخۇا تورى خەۋىرى: كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدىكى ياپيېشىل زېمىن ئوراپ تۇرغان زۇمرەتتەك دەريادا ئېچىۋېتىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولى بولغان چىڭداۋ ئاسما كۆۋرۈكى كۈچلۈك بىلەك كەبى كەڭ دېڭىز-ئوكيانلارغا سوزۇلغان. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى 18-قېتىملىق يىغىنىنىڭ پات ئارىدا ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى چىڭداۋغا تىكىلدى، چىڭداۋ ئېچىۋېتىلگەن 40 يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسىنى جاھان ئەھلىگە كۆرسىتىشكە تەييارلاندى.
چىڭداۋ جۇڭگو تۇنجى تۈركۈمدە ئېچىۋەتكەن دېڭىز بويىدىكى 14 شەھەرنىڭ بىرى، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىگە تايىنىپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»دىكى «چىڭداۋ نۇسخىسى»دىن ھەرتەرەپلىمە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسى قۇرۇلمىسىغىچە، ئاندىن يەنە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق «خەلقئارالىشىش+» ھەرىكىتىنى يولغا قويغۇچە، جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى مۇھىم پورت شەھىرى بولغان چىڭداۋ جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەنلىكى ۋە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنىڭ ئىخچام كارتىنىسى بولۇپ قالدى. باش يازدىكى 6-ئايدا، «شاڭخەي ھەمكارلىق ساداسى» چىڭداۋدا ياڭرايدۇ.