ئۆز خەۋىرىمىز: باھار، پەسىللەرنىڭ سەردارى. تىمتاس قىشلىق ئۇيقۇدىن ئويغانغان كەڭ تەبىئەت باھارنىڭ مەيىن شامىلىدا سەگىدەپ يېڭىچە تۈسكە كىرىدۇ. ھەممىلا جايدا ئەكس ئەتكەن باھار جىلۋىسى شائىر، يازغۇچىلارغا خاس ئىلھامىڭىزنى ئويغىتىپ، بۇ گۈزەل كارتىنىلارنى تەرىپلەشكە قولىڭىزغا قەلەم ئالغۇزىدۇ. كۆز ئالدىڭىزىدىكى بۇ سۈرەتلەر دۆربىلجىندىكى باھار خاتىرىسى، ئىللىق قۇياش نۇرى، مەيىن شامال قوينىدا ھەر خىل مېۋە دەرەخلىرى چېچەكلەپ، ئوت-چۆپلەر يەر قاتلاملىرىدىن بويۇنلىرىنى سوزۇپ، بارچە مەۋجۇدات جانلىنىپ، قاينام تاشقىنلىققا تولغان ھايات كارتىنىسى بۇ گۈزەل زېمىننى تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى.
(دەن جىڭۋېن فوتوسى)