تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد مارس ماشىنىسى مىكرو تىك ئۇچارنى مارسقا يەتكۈزۈپ بېرىدىكەن

ماتېرىيال سۈرەت

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لوس ئانژېلېس، 5-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنى جاكارلىشىچە، كېيىنكى ئەۋلاد مارس ماشىنىسى «2020 مارس ماشىنىسى» بىر مىكرو تىك ئۇچارنى مارسقا ئېلىپ چىقىپ، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدىكى ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ مارستا ئۇچۇش مۇمكىنچىلىكى ۋە تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى  سىناق قىلىدىكەن.

    ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قارىمىقىدىكى گاز پۈركۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش تەجرىبىخانىسى تۆت يىلچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان بۇ مارس تىك ئۇچارىنىڭ ئېغىرلىقى 1.8 كىلوگىرامغىمۇ يەتمەيدىغان بولۇپ، كىچىك تىپتىكى بىر خىل ئاپتوماتىك ئايلانما قاناتلىق ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىدۇر. ئۇ ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسى قورغان توپنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئىچىدە قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسى ۋە لىتىي ئىئونلۇق باتارېيە سەپلەنگەن، ئىككى ياپراقچە مىنۇتىغا 3000 قېتىم ئايلىنىش سۈرئىتى بىلەن مارسنىڭ شالاڭ ئاتموسفېراسىغا يېقىنلىشىدۇ، بۇ خىل ئايلىنىش تېزلىكى يەر شارىدىكى تىك ئۇچارلارنىڭ ئايلىنىش تېزلىكىنىڭ 10 ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    مارستا ھاۋا ئىنتايىن شالاڭ. مارس تىك ئۇچارى تۈرىنىڭ دىرېكتورى مىمى ئاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تىك ئۇچار مارسنىڭ يۈزىدە تۇرغاندا ئۇ يەر شارىدىن 30 مىڭ مېتىر ئېگىز تۇرغانغا باراۋەر. مارستىكىگە ئوخشاش شۇنچە تۆۋەن ئاتموسفېرا زىچلىقى شارائىتىدا تىك ئۇچارنى ئۇچۇرۇش ئۈچۈن، ئايروپىلان ئىمكان بار يېنىك بولۇشتىن سىرت، ئۇنىڭدا يەنە ئەڭ چوڭ ئەۋرىشىملىك ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كەلگۈسىدىكى 30 كۈنلۈك ئۇچۇش سىنىقىدا مارس تىك ئۇچارى بەش قېتىملىق سىناق ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن، ھەر قېتىم ئۇچۇش ئارىلىقىنى تەدرىجىي ئاشۇرىدىكەن. تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشتا، ئۈچ مېتىر ئېگىزلىككە تىك ئۆرلەيدىكەن ھەمدە بوشلۇقتا 30 سېكۇنتچە ئايلىنىدىكەن. ئەگەر ئوڭۇشلۇق بولسا، مەزكۇر تىك ئۇچار ھاۋا بوشلۇقىدا 90 سېكۇنت ئۇچىدىكەن، ئەڭ يىراق ئۇچۇش ئارىلىقى نەچچە يۈز مېتىرغا يېتىدىكەن. بارلىق ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى مىكرو ئايروپىلاننىڭ ئاپتوماتىك ئۇچۇش سىسىتېمىسى يەر شارىدىن كەلگەن بۇيرۇققا ئاساساسەن ئاپتوماتىك تاماملايدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن باشلىقى جىم برېدون ستېين مۇنداق دېدى: مارس تىك ئۇچارى كەلگۈسى ئىلىم-پەن ۋە مارسنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىمىزگە ئۈمىد بېغىشلىدى.

    «2020 مارس ماشىنىسى» ئامېرىكىنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد مارس ماشىنىسى، 2020-يىلى 7-ئايدا بۇ ماشىنىنى ئالەم بوشلۇقىغا قويۇپ بېرىپ، كېيىنكى يىلى 2-ئايدا مارسقا يېتىپ بېرىشى پىلانلانغان. مىكرو تىك ئۇچار تۈرى سىنىقى ئەگەر مەغلۇب  بولسا، «2020 مارس ماشىنىسى» نىڭ ۋەزىپە ئۆتۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىكەن، ئەگەر سىناق ئوڭۇشلۇق بولسا، كەلگۈسى تۆۋەن بوشلۇقتا  ئۇچۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ تەكشۈرۈش يوشۇرۇن كۈچى نامايان بولىدىكەن، چۈنكى ئۇ يەر يۈزى تەكشۈرۈشىدە بېرىشقا مۇمكىن بولمىغان جايلارغا يېقىنلىشالايدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى