تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە ۋە نىكاھ

قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىماسلىق ئەر-خوتۇن ئارىسىدا ئاراز پەيدا قىلىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئېرىم بىلەن بولغان ھېسسىياتىمىزغا بىر قېتىملىق سۆھبەت تۈپەيلى دەز كېتىشىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم. شۇ كۈنى ئۇ ئۆيگە كەلدى، كەيپىياتى ئانچە ياخشى ئەمەستەك قىلاتتى، تاماقتىن كېيىن ئۇ قېشىمدا ئولتۇرۇپ : بۈگۈن مۇنداق بىر ئىشقا...دەپ گەپ باشلىشىغا مەن ئۇنىڭ گېپىنى ئۈزۈپلا : قەدىرلىكىم، يېڭى چاچ پاسونىم يارىشىپتىمۇ؟-دېدىم، ئۇ : ئەلۋەتتە، سىز چاچ پاسونىڭىزنى قانداق ئۆزگەرتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر، ماڭا چىرايلىق كۆرۈنىسىز،- دېدى. ئۇ يەنە گەپ باشلىۋېدى مەن : توك كارتىسىدا پۇل قالماپتۇ، ۋاقتىڭىز چىقسا پۇل قاچىلاپ قويۇڭ،-دېدىم، ئۇ يەنە گەپ باشلىغاندا ئۇنىڭ گېپىنى يەنە ئۈزۈپ قويدۇم، ئۇ ئاخىر سەۋر قىلالماي ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

   مەن ئىزچىل ئاياللارلا باشقىلارغا ئىچ-پۇشۇقىنى ئېيتىشقا، باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ۋە تەسەللىيسىگە موھتاج، دەپ ئويلاپ قالغانىدىم، ئەمەلىيەتتە، ئەرلەرمۇ ئىچى پۇشقاندا، كۆڭلى يېرىم بولغاندا بىرەيلەننىڭ يېنىدا جىمجىت ئولتۇرۇپ سۆزلىرىنى ئاڭلىشىغا موھتاج ئىكەن.

    شۇ قېتىملىق ساۋاقتىن كېيىن مەن مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار، مەيلى دوست ياكى ئەر-خوتۇن بولسۇن، يېنىدا قەلب تىۋىشلىرىنى ئاڭلايدىغان بىر كىشىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، چۈنكى باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە غەمخورلۇقنىڭ ئىپادىسى ئىكەن.

   ھەممە ئادەم بىر تىڭشارمەنگە موھتاج. بولۇپمۇ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا، ئازاپلانغاندا، تېڭىرقاپ قالغاندا بىرەيلەننىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىشى ھەمدە باش لىڭشىتىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈشتەك مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

   ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشىچە، باشقىلارنىڭ ئىچ-پۇشۇقىنى ئۈزۈپ قويماي ئاڭلاش ئازاپنى مۇئەييەن دەرىجىدە يەڭگىللىتەلەيدىكەن. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدا بۇنداق ئېھتىياج ئۇزاق ۋاقىت قاندۇرۇلمىسا، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە پاسسىپ تەسىرى بولىدىكەن.

   بەختلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئادەم پۈتۈنلەي ئۆزى بولۇپ ياشىيالمايدۇ، بەلكى يېرىمىدا ئۆزى، يېرىمىدا جورىسى بولۇپ ياشايدۇ، قەلبىدە ئۆزىمۇ، جورىسىمۇ بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى