تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئادەم بەدىنىدىكى «ئاق رەڭلىك قان سۇيۇقلۇقى» سۈت

    سۈتىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى «ئاق رەڭلىك قان سۇيۇقلۇقى» دەيدىغان نامى بار، سۈت تەركىبىدە مىنېرال ماددىلار، كالتسىي، فوسفور، تۆمۈر، مىس، مانگان، كالىي قاتارلىق تەركىبلەر ئىنتايىن مول بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى كالتسىينىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسىدۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈت تەركىبىدە كالتسىي-فوسفور نىسبىتى ئىنتايىن مۇۋاپىق.

    يېڭى ھەم  بىخەتەر بولغان سۈتنى قانداق تاللاش كېرەك؟

    پۇراپ بېقىش. يېڭى سۈتتە سۈت پۇرىقى بولىدۇ، ئەگەر چۈچۈمەل، سېسىق پۇرىسا سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.

    ئورالمىسىغا قاراش. سۈت سېتىۋالغاندا كۆپۈك بار-يوقلۇقى، ئۈستىگە سۇ يىغىلىپ، ئاستى دۇغلىشىپ قالغان-قالمىغانلىقى قاتارلىقلارغا قاراش كېرەك، ئەگەر مۇشۇنداق بولسا سۈتنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ.

    تېتىپ بېقىش. يېڭى سۈت تاتلىقراق كېلىدۇ، پۇرىقى كۈچلۈك بولمايدۇ. ئەگەر سۈتتە ئاچچىق ھەم چۈچۈمەل تەم بولسا بۇ سۈتنىڭ سۈپىتىدە مەسىلە بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر پۇرىقى كۈچلۈك، تەمى تاتلىق بولسا، بۇ سۈتكە خۇشپۇراق ماددا ياكى تەم كۈچەيتكۈچى دورىلارنىڭ قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. ئەگەر سۈت قاينىماي تۇرۇپلا پارچىلىنىش ياكى دۇغلىشىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

    تەجرىبە قىلىش. سۈتنى پاكىز ئەينەك ئىستاكانغا قۇيۇپ، بىر نەچچە مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كېيىن تۆكۈۋېتىمىز، ئەگەر ئىستاكانغا ئازراق، نىپىز سۈت يۇقى يۇقسا بۇ نورمال ئەھۋال، ئەگەر ئىستاكانغا ئۇششاق دانىچىلەر، مۇنەكلەر يىپىشىپ قالغان بولسا، سۈت سۈپىتىنىڭ ناچارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

    سۈتنى ئىلمىي ساقلاشنى ئۆگىنىۋېلىڭ.

    سۈت چىراغ نۇرى ۋە قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشىغا ئۇچرىسا، تەركىبىدىكى ۋىتامىنلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، پۇرىقىمۇ يوقاپ كېتىدۇ. سۈتنى سالقىن جايدا ساقلاش كېرەك، ياخشىسى توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ئورنىغا قويۇش كېرەك. ئىستاكاندا ئېشىپ قالغان سۈتنى ئەسلىدىكى قاچىغا قويۇۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ، ئاغزىنى مەھكەم ئېتىپ، توڭلاتقۇنىڭ سوغۇق ساقلاش ئورنىغا قويۇش كېرەك.

    سۈت ھەققىدە ساۋاتلار.

    ئورگانىك سۈت تېتىشلىق، بىخەتەر بولۇپ، ئانتىبىيوتىك ۋە دېھقانچىلىق دورا قالدۇقلىرى ئاز بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى سۈتتىن يۇقىرى ئەمەس.

    يۇقىرى باھالىق كورۇپكىلىق سۈتنىڭ ئادەتتىكى خالتىلىق سۈتتىن ياخشى بولۇشى ناتايىن. كورۇپكىلىق سۈتنىڭ باھاسىغا ئورالمىسى ۋە ئېلان ھەققى قوشۇۋېتىلىدۇ.

    باستىرزاتسىيەلەنگەن سۈتنى سوغۇق يەردە 48 سائەت ساقلىغىلى بولىدۇ؛ ئۆگزە شەكىللىك كورۇپكىغا قاچىلانغان سۈتنى يەتتە كۈندىن 10 كۈنگىچە ساقلىغىلى بولىدۇ؛ خالتىلىق سۈتنى ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا 40 كۈن ساقلىغىلى بولىدۇ؛ چاسا قۇتىغا قاچىلانغان سۈتنى سەككىز ئاي ساقلىغىلى بولىدۇ.

    سۈتلۈك ئىچىملىكلەر سۈتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. سۈتلۈك ئىچىملىكلەرنىڭ بىر قىسىمى سۈت، كۆپ قىسىمى سۇ بولغاچقا، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتىنى سۈت بىلەن بىر ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ. بەزى سۈتلۈك ئىچىملىكلەرنىڭ ئورالمىسىغا «ئاكتىپ سۈت» دەپ يېزىقلىق، شۇڭا سېتىۋالغان چاغدا ئەستايىدىل قاراش كېرەك. لاكتوزىغا چىدامسىزلار  ئاچ قورساق سۈت ئىچىشكە بولمايدۇ، بولمىسا قورساق بىئارام بولۇش ۋە ئىچ سۈرۈشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا بۇ خىل كىشىلەر  ئاۋۋال كاربون سۇ بىرىكمىسى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى يېگەندىن كېيىن، ئاندىن سۈت ئىچسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى