تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

بىر تال ئاچقۇچ ئىشەنچ دەرۋازىسىنى ئاچتى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: چەرچەن ناھىيەسى چەرچەن بازىرىدا تۇرۇشلۇق روزى تۇرسۇننىڭ ئۆيىدىكى ئاچقۇچ قويىدىغان يېرىدە ھەر خىل ئاچقۇچلار بولۇپ، ئارىسىدىكى بىر ئاچقۇچنىڭ «سالمىقى» ئىنتايىن ئېغىر ئىدى.

  «بۇ، تۇغقىنىم ياڭ يىڭشىنىڭ ئۆيىنىڭ ئاچقۇچى، ئۇنىڭ بۇنى ماڭا تاپشۇرغىنى ماڭا ئىشەنگىنى»، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى روزى تۇرسۇن تەسىرلىنىپ: «مەن بۇ ئىشەنچنى يەردە قويمايمەن، ئىككى كىشى ئارىسىدىكى ھېسسىياتنى ئىخلاس بىلەن قوغدايمەن» دېدى.

  40 نەچچە ياشلىق روزى تۇرسۇن چەرچەن بازىرى جيايۈەن مەھەللە كومىتېتىنىڭ كادىرى. 2016-يىلى ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، ئۇ جيايۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ياڭ يىڭشى بوۋاي بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى.

  60 نەچچە ياشلىق ياڭ يىڭشىنىڭ پەرزەنتى يوق بولۇپ، ھازىر جيايۈەن مەھەللىسىدىكى بىر ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدە يالغۇز تۇراتتى، شۇنداقلا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى. ياڭ يىڭشى بوۋاينىڭ تېنى ئاجىز، كېسەلچان، بولۇپمۇ ئاڭلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، بۇلار ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا قولايسىزلىق ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

  تۇغقانلار قانچە كۆپ ئىزدەشسە شۇنچە يېقىن بولىدۇ، دوستلار قانچە كۆپ جەم بولسا دوستلۇقى شۇنچە قۇيۇقلىشىدۇ. ئاقكۆڭۈل روزى تۇرسۇن بۇ قائىدىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. ئۇ ھەر كۈنى قولىدىكى خىزمىتىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ۋاقىت چىقىرىپ ياڭ يىڭشى بوۋاينى كۆرگىلى باراتتى.

  قۇم-بوران چىققاندا، يامغۇر ئارىلاش قار ياغقاندا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، روزى تۇرسۇن ياڭ يىڭشى بوۋايدىن خاتىرجەم بولالماي، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، كېسەل بولۇپ قالغان-قالمىغانلىقىغا، كۆمۈر گازىنى ئەتكەن-ئەتمىگەنلىكىگە قارايتتى...

  قايتىدىغان ۋاقتىدا ئۇ يەنە بوۋايغا بىر ئىستاكان چاي قويۇپ بېرىپ، دورىسىنى ۋاقتىدا يېيىشنى تاپىلاشنى ئۇنۇتمايتتى.

  چاغان قاتارلىق بايراملار كەلگەندە روزى تۇرسۇن گۈرۈچ، ئۇن، ماي قاتارلىقلارنى كۆتۈرۈپ، ياڭ يىڭشى بوۋاينى يوقلاپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن جيايۈەن مەھەللىسىدىكىلەر ئىلگىرى غەمكىن يۈرىدىغان ياڭ يىڭشىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرۈپ، مەھەللىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىدىغان بولغانلىقىنى كۆردى.

  مەھەللە ئاھالىلىرى ھەر قېتىم ياڭ يىڭشىدىن قانداق قىلىپ بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ پەخىرلەنگەن ھالدا: «ھازىر ‹يۆلەنچۈكۈم› بار بولدى، ئۇ دەل ھەممە ئىشىمغا كۆڭۈل بۆلىدىغان روزى تۇرسۇن!» دېدى. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ بىر كۈنى مەھەللە كومىتېتىنىڭ خىزمىتى بىلەن ئالدىراش بولۇۋاتقان روزى تۇرسۇننىڭ كۆڭلى تازا جايىدا ئەمەس ئىدى. ئۇ: «ياڭ يىڭشى بوۋاينىڭ ئۆيىگە بارمىغىلى ئىككى كۈن بولدى، ئۇنى كۆرۈپ باقمىدىم، بىر ئىش بولۇپ قالمىغاندۇ» دەپ ئويلىدى.

  روزى تۇرسۇن قولىدىكى خىزمەتلىرىنى مىڭ تەسلىكتە بىر تەرەپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ياڭ يىڭشى بوۋاينىڭ ئۆيىگە ناھايىتى ئالدىراش باردى. ئۇ ئىشىكنى شۇنچە ئۇزاق چەككەن بولسىمۇ، بوۋاي ئىشىكنى ئاچمىدى، روزى تۇرسۇن ئەنسىرەپ ئادەم چاقىرىپ كېلىپ ئىشىكنى ئاچتى.

  ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ياڭ يىڭشى بوۋاينىڭ كارىۋاتتا ھوشسىز ياتقانلىقىنى كۆردى، بوۋاي قاتتىق قىززىپ كەتكەن ئىدى. روزى تۇرسۇن بوۋاينى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. نومۇر ئېلىپ، پۇل تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئوكۇل سالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى... روزى تۇرسۇننىڭ كۆڭۈل قويۇپ خەۋەر ئېلىشى بىلەن بوۋاي نەچچە كۈندىن كېيىن خەتەردىن قۇتۇلدى.

  ياڭ يىڭشى دوختۇرخانىدىن چىققان كۈنى ئۆيىنىڭ ئاچقۇچىنى روزى تۇرسۇنغا بېرىپ: «مېنىڭ جېنىمنى سىز قۇتۇلدۇرۇپ قالدىڭىز، بىز دېگەن بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئاچقۇچنى ئېلىڭ، كېيىن ئۆيگە كىرىپ-چىقىشىڭىز قولايلىق بولىدۇ» دېدى.

  ياڭ يىڭشى بوۋايدىن ئاچقۇچنى ئالغاندىن كېيىن روزى تۇرسۇننىڭ قەلبىدە ئېغىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولدى، ئۇ بوۋاينىڭ ھالىدىن چوقۇم ياخشى خەۋەر ئېلىش نىيىتىگە كەلدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن روزى تۇرسۇننىڭ بوۋاي بىلەن بولغان بېرىش-كېلىشى تېخىمۇ كۆپەيدى، ئۇلار بىللە تاماق ئېتەتتى، بىللە كوچا ئايلىناتتى، بىللە ساياھەتكە چىقاتتى... ياڭ يىڭشى بوۋاينىڭ سۇ، توك سېتىۋېلىش قاتارلىق ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن روزى تۇرسۇن قىلىپ بېرەتتى. ياڭ يىڭشى بوۋاينى قاتتىق تەسىرلەندۈرگىنى روزى تۇرسۇن قانچىلىك ئالدىراش بولسۇن، قانچىلىك ھارغان بولسۇن، ھەمىشە شۇنچىلىك سەۋرچان ھالدا بوۋاي بىلەن پاراڭلىشىپ، ئامال قىلىپ بوۋاينى خۇشال قىلاتتى.

  ياڭ يىڭشى بوۋاي قولۇم-قوشنىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا دائىم: «روزى تۇرسۇندەك تۇغقىنىمنىڭ بولغىنى مېنىڭ بۇ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ چوڭ بەختىم» دەيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى