تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

زىيادە قايغۇرغاندا ئاسپىرىن ئىچىش ئارقىلىق يۈرەكنى ئاسراش كېرەك

   ئامېرىكىنىڭ بىر يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ئاز مىقداردا ئاسپىرىن ئىستېمال قىلسا زىيادە قايغۇرۇش سەۋەبىدىن يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

   ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يېقىن تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئۆلۈپ كېتىپ 24 سائەت ئىچىدە، ئادەمنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ نىسبىتى 20 ھەسسە يۇقىرىلاپ كېتىدىكەن. چۈنكى بۇ 24 سائەت ئىچىدە قايغۇرۇش ئېلىپ كەلگەن بېسىم قان بېسىمى ۋە يۈرەك رېتىمىنى يۇقىرىلىتىۋېتىپ، قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى ۋە قاندىكى خولېستېرىننىڭ داغ ھالەتتە شەكىللىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. يېقىن ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ئادەمنىڭ يۈرىكىنىڭ ئاغرىشى يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشىشىدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، زىيادە قايغۇرۇپ كەتكەنلەرنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى بېسىم ھورمون كورتىسولىنىڭ سەۋىيەسىمۇ ئۆرلەپ، خامۇشلۇق كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    ئاسپىرىن قان نوكچىسى پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، ئۇاقتىن بۇيان يۈرەكنى ئاسراشتا ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا ئارىزونا داشۆسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يېقىن ئادەملىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. تەتقىقاتچىلار 22 ئادەم ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارغان، تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىچىدىكى 10 كىشىنىڭ جورىسى ۋاپات بولغىنىغا 30 كۈن بولمىغان، 12 كىشىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقىنى ساق-سالامەت بولغاچقا، تۇغقىنىدىن ئايرىلىش ئازابىنى تارتىپ باقمىغان. قان بېسىمى، يۈرەك رېتىمى، يۈرەك رېتىمىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە خامۇشلۇق كېسىلى ئەھۋالىنى باھالاش ئارقىلىق، تەتقىقاتچىلار ھەر بىر تەجرىبىگە قاتناشقۇچىنىڭ قان تومۇرى ۋە پىسىخىكا ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئىختىيارى ھالدا تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يېرىمىنى تاللاپ، ھەر بىرىگە ھەر كۈنى 81 مىللىگىرام ئاسپىرىن ئىچكۈزگەن، قالغان يېرىمىغا ئارام بەرگۈچى دورا ئىچكۈزگەن. 10 كۈندىن كېيىن، تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر ساغلاملىق ئەھۋالىنى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئاسپىرىن ئىچكۈچىلەرنىڭ يېرىمىنىڭ قان بېىسمىنىڭ روشەن تۆۋەنلىگەنلىكىنى، جۈپتى ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە، ئاسپىرىننى ئىستېمال قىلغان بەش كىشىنىڭ خامۇشلۇق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ پۈتۈنلەي يىنىكلىگەنلىكىنى، ئارام بەرگۈچى دورىنى ئىستېمال قىلغان بەش كىشىنىڭ پەقەت بىرسىنىڭلا خامۇشلۇق كەيپىياتىنىڭ يىنىكلىگەنلىكىنى بايقىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى