تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

ئارامەھەللىدە تۇغقانلار جەم بولۇشۇپ، كۆڭۈللەر شادلاندى

    ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى: كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىشخىلا بازىرى ئارامەھەللىدىكى پائالىيەت مەيدانى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن لىق تولدى. بۇ كۈنى ئىشخىلا بازىرى ۋە ئارامەھەللىدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈۋاتقان ھەر مىللەت ئامما بىر يەرگە جەم بولۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدا ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ، ئۆزئارا  تۇغقاندارچىلىقىنى يەتكۈزۈشۈپ، ئەدەبىيات–سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

    بۇ پائالىيەتنى كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە  ئىشخىلا بازىرىنىڭ ئارامەھەللە ئىجتىمائىي رايونىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە كومىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئىجتىمائىي رايوندىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى ئۆزلىرى تەييارلىغان «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى»، «پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى»، «دۆلەت  ئورتاق تىلىنى ياخشى ئۆگىنەيلى» قاتارلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، خەلق تۇرمۇشىدىكى زور ياخشىلىنىشلار مەزمۇن قىلىنغان ناخشا-ئۇسسۇل، ئىتوتلارنى ئورۇنداپ،  پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى قىزغىن سۆيۈش ھېسىياتىنى ئىپادىلىدى ھەمدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى نامايان قىلدى.

    ئىشخىلا بازىرى ئارامەھەللە 4-گۇرۇپپىسىدىن ئەل ئىچى  سەنئەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى ئېلى سامساق مۇنداق دېدى: مەن بىر خەلق سەنئەتكارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەنىڭ ئاۋازىنى ناخشا-ئۇسسۇل شەكىلدە خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز-ھەرىكەتلەرگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى، تەشۋىقاتچىسى ۋە يېتەكچىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تەشۋىقاتچىلىق  رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

    پائالىيەتتە ، 100 دىن ئارتۇق ھەر مىللەت  قوشماق تۇغقانلار ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىشىپ، ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قۇيۇقلاشتۇردى.

    ئارامەھەللە ئىجتىمائىي رايونىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن لېن مۇنداق دېدى: خەلقىمىزدە «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دەيدىغان گەپ بار. ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئۇيۇشقاندىلا، ھەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدۇ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىش ئۈچۈن چىقارغان بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى، بىز بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق تۈردە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە كۈچ قوشىمىز.

    پائالىيەتتە يەنە، تائام تەييارلاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، 30 چېۋەر قول ئانا كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان 65 تۈرلۈك تائام مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلدى. ھەر مىللەت ئاممىسى بۇ تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، باش بارمىقىنى چىقىرىشىپ، تائاملارنى بەس–بەستە ماختاشتى.

    ئارامەھەللە  5-گۇرۇپپىسىدىن مەريەم قادىر مۇنداق دېدى: مەن بۈگۈن قۇرغاق قازان قورۇمىسى، قوي گۆشى  قورۇمىسىنى تەييارلاپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردۇم، شۇنداقلا ياخشى باھاغا ئېرىشتى، مەن بۇنىڭدىن بەكلا خۇش بولدۇم. پارتىيەنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە تۇرمۇشىمىز زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، كۆپچىلىك قول تۇتۇشۇپ ئىتتىپاقلاشقاندىلا گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق مۇشۇنداق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئىناق كۇچا قۇرۇشقا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشىمەن.

    ئاخىرىدا، مەھەللىدىكى ئامما بىرلىكتە ئاھالىلەر كومىتېتىغا لەۋھە تەقدىم قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىننەتدرلىقىنى بىلدۈردى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدىكى پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى