تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

30 يىل مابەينىدە چىڭ باغلانغان قېرىنداشلىق مېھرى

  «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى» خەۋىرى: قېرىنداشلار بىر مەقسەتتە بولسا، ھەر قانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ! ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى ئەسقەر خېلىل بىلەن ليۇ سۇڭلىننىڭ ئىناق ئاكا-ئىنى بولۇپ كېلىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى، ئۇلار خىزمەتتە ئۆز-ئارا مەدەت بېرىشىپ، تۇرمۇشتا ئۆز-ئارا ياردەم قىلىشىپ. ئىجىل-ئىناق ئۆتۈپ كەلدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىككى ئائىلە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، دوستلۇق رىشتىنى چىڭىتتى.

  5-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئەسقەر خېلىل مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەنزۇ ئىنىسى ليۇ سۇڭلىننىڭ توختىماي تەرىپىنى قىلدى.

  بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن ئەسقەر خېلىلنىڭ نەزەرىدە، 51 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئىنىسى ليۇ سۇڭلىن بىر قابىلىيەت ئىگىسى ئىدى. ليۇ سۇڭلىن جۇڭگو تېبابىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ھازىر شىنجاڭدا جۇڭگو تېبابىتى كېلىنكىسى، تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.  ئۇ 2017-يىلى بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسى كىلىنىكىلىق داۋالاش مۇتەخەسسىسلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. ليۇ سۇڭلىن بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان مەنزىرە ھەققىدە گەپ بولۇۋىدى، ئەسقەر ئۇ ئىشلارنى ھازىرلا يۈز بەرگەندەك بىرمۇبىر سۆزلەپ بەردى.

  1987-يىلنىڭ بىر كۈنى، ئاشقازان يارىسى، ئۆت ياللۇغى چىرمىۋالغان ئەسقەر خېلىل ھەر تەرەپتىن داۋا ئىزدەپ يۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە كېسەل كۆرۈپ خېلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان ليۇ سۇڭلىننىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى.

  ئەسقەر خېلىلنىڭ خاتىرىسىدە ليۇ سۇڭلىننىڭ ئۇنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ داۋالاشتا خېلى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەجىر قىلغانلىقى چىڭ ساقلانغان ئىدى. ليۇ سۇڭلىن ئىنچىكىلىك بىلەن داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىپ، ھەتتا ھەر قېتىملىق دورىنى قانداق قاينىتىش، قانداق ئىچىشكىچە شۇنداق تەپسېلىي چۈشەندۈرگەن، كەينىدىن ئەسقەر خېلىلنى بىر قانچە قېتىم يوقلاپ بارغانىدى. سالامەتلىكى بارا-بارا ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، ئەسقەر خېلىلنىڭ كۆڭلىدە ئۆزدىن بىر قانچە ياش كىچىك بۇ دوختۇرغا نىسبەتەن مىننەتدارلىق ھېسىياتى تولۇپ تاشتى.

  بۇ ئىككەيلەننىڭ ئىككىنچى قېتىم ئۇچرىشىشىغا يەنىلا ئەسقەر خېلىلىنىڭ كېسىلى سەۋەب بولدى. ئۆيىدە يالغۇز قالغان ئەسقەر خېلىل جىددىي ئەھۋالدا قالغاندا ليۇ سۇڭلىنغا تېلېفون قىلغانىدى، ئۇ ئىككىلەنمەستىن كېلىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىدى، ئۆز قولى بىلەن دورا قاينىتىپلا قالماستىن يەنە ئىزچىل ئەسقەر خېلىلىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

  كېسەل داۋالىتىش تۈپەيلى بىمار بىلەن دوختۇر بارا-بارا يېقىن تونۇشلاردىن بولۇپ، بىر-بىرنى ئاكا، ئىنى دەپ ئاتىشىدىغان بولدى.

  ليۇ سۇڭلىن ئۇيغۇرچىنى بىلمەيتتى، كېسەل كۆرگەندە قارشى تەرەپكە گېپىنى ئۇقتۇرالماي تىت-تىت بولغاندا، ئەسقەر خېلىل ئۇنىڭ يېنىدا شۇ ھامان ھازىر بولاتتى. ئارسالدى ۋاقىتلىرىدا ئەسقەر خېلىل ئىنىسىگە ئېرىنمەي ئۇيغۇرچە ئۆگىتىشنى ئادەت قىلدى، بارا-بارا ليۇ سۇڭلىنمۇ بىر نەچچە ئېغىز ئۇيغۇرچە ئاددىي گەپلەرنى قىلالايدىغان بولدى.

  ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ 30 يىل ئىناق ئۆتۈشى ئىككى ئائىلىنىڭ ئالاقىسىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى ھەر يىلى بايراملاردا ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ تەنتەنە قىلىشاتتى. ليۇ سۇڭلىننىڭ ئوغلى  ليۇ خېيۇەنمۇ كىچىكىدىنلا ئەسقەر خېلىلنىڭ قىزى  ئالمىرە بىلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولدى. 2016-يىلى ئىنىسى ليۇ خېيۇەن بېيجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىك داشۆسىگە قوبۇل قىلىندى، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ھەدىسى ئالمىرە ئالەمچە خۇش بولۇپ، ئىنىسىنى قوبۇل قىلىنغان داشۆگە ئاپىرىپ قويماقچى بولدى.

  ليۇ سۇڭلىننىڭ شىنجاڭ ئالاھىدە دورىلىق ئۆسۈملۈك تەتقىقاتىغا نىسبەتەن قىزغىن ئىشتاياقى قوزغىلىپ، 1997-يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بۇ جەرياندا ئاكىسى ئەسقەر خېلىلنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىشىگە ئېرىشتى. نەگىلا بارسا ئەسقەر خېلىل ھەم شوپۇر ھەم تەرجىمان، يەنە تېخى دورا يىغىش ئىشچىسى، يۈك توشۇغۇچى بولۇپ كەتكەن چاغلىرىمۇ بار ئىدى. تەخمىنەن 10 يىل ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەننىڭ ئاياغ ئىزى قالدى .

  ليۇ سۇڭلىن ئىزچىل جۇڭيى ئۆسۈملۈك دورا تىرىپى بىلەن يەرلىك توخۇلارنى بېقىپ، توخۇلارنى دورىلىق توخۇغا ئايلاندۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭيى دورا ئۆسۈملۈك قالدۇقلىرى، توخۇ مايىقىنى ئېچىتىپ ئوغۇتقا ئايلاندۇرۇپ، بۇ ئوغۇتلار بىلەن شال ئېتىزلىرىنى ئوغۇتلاش دېگەندەك تەجرىبىلەرنى قىلاتتى.

  تەتقىقات جەريانىدا ئەسقەر خېلىل ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالدا ليۇ سۇڭلىننىڭ تەجىرىبە ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ كەلدى. ئەڭ ئاخىرىدا ليۇ سۇڭلىن تەتقىق قىلىپ ياسىغان سامان غوللۇق چۈلياڭ ھارىقى ۋە ھاراق ئېچىتىش ئۇسۇلى دۆلەت كەشپىيات پاتېنتى ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ئۇ تۈزۈپ چىققان «يۈخەن خەزىنىسى»، «خېساۋتاڭ دورىلىق غىزالىرى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ھەر قايسى ساھەدىكىلەرنىڭ دىققىتنى تارتقان. ئۇنىڭ بۇ بىر قاتار نەتىجىلىرىنى ئاكىسى ئەسقەر خېلىلنىڭ جان كۆيدۈرۈپ ياردەم قىلىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايتتى. ھەر خىل بايراملاردىكى چوڭ يىغىلىشلاردا ئەسقەر خېلىل ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئارسىدا ليۇ سۇڭلىننىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە جۇڭيى تېبابىتى بىلىمىنىڭ مول ۋە چوڭقۇرلىقىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئەسقەر خېلىل بىلەن ليۇ سۇڭلىن بىرلىكتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 30 يىللىق بوران-چاپقۇنلۇق مۇساپىدە، 30 يىل قول تۇتۇشۇپ بىللە ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، بىز ھەممىمىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن مەنپەئەتلەنگۈچىلەر. بىز بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى