تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   ئاجايىپ-غارايىپ

پىسا يانتۇ مۇنارى نېمىشقا ئۆرۈلۈپ كەتمەيدۇ؟

   يەر شارى تورى خەۋىرى: ئىتالىيە پىسا يانتۇ مۇنارىنىڭ يانتۇلۇق دەرىجىسى بەش گىرادۇس بولۇپ، 58 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ مۇنار 1280 يىلدىن بۇيانقى تۆت قېتىملىق يەر تەۋرەشتىمۇ ئۆرۈلمىگەن. يېقىندا، ئىتالىيە تەتقىقاتچىلىرى پىسا يانتۇ مۇنارىنىڭ ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكىدىكى سىرىنى ئاچقان.

   تەتقىقاتچىلار مۇنارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قۇرۇلۇشىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، مۇنارنىڭ مۇقىملىقىنى «قۇرۇلۇش —يەر يۈزى» دىنامىكىلىق ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئېففىكتى ئارقىلىق چۈشەندۈرگەن. تەتقىقات خادىملىرىنىڭ قارىشىچە، مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ۋە قاتتىقلىق دەرىجىسى ئۇنىڭ ئۇلى يەر يۈزى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، يەر تەۋرىگەندە مۇنار يەر يۈزى بىلەن تەڭ تەۋرىمەيدىكەن.

   ئەنگلىيە برىستول داشۆسىنىڭ پروفېسسورى مايلو نەكىس مۇنداق دېدى: كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، تۇپراق مۇنارنىڭ يەر تەۋرەشتە ئۆرۈلۈپ كەتمەسلىكىگە سەۋەب بولغان.

   ئىتالىيە پىسا يانتۇ مۇنارى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە يەر شەكلى سەۋەبىدىن دۇنياغا داڭقى تارالغان. مۇنار قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدىمۇ يانتۇ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يانتۇلۇق دەرىجىسى تەدرىجىي ئېشىپ، بەش گىرادۇسلۇق يانتۇلۇق دەرىجىسىگە مۇقىملاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى