تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تاماقنى تېز يەيدىغان ئەرلەر تاماقنى تېز يەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سەمرىيدۇ

   يېقىندا، ياپونىيە ئوكاياما داشۆسى ئاسپىرانتلار مەكتىپى ۋە ساقلىقنى ساقلاش باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك ئورتاق تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تاماق يېيىش سۈرئىتى ئادەمنى سەمرىتىۋىتىدىغان، سەل قاراشقا بولمايدىغان ئامىل ئىكەن، يەنە كېلىپ تېز تاماق يەيدىغان ئەرلەر تېز تاماق يەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان سەمىرىدىكەن.

   بۇ تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا سېمىزلىك بىلەن تاماق يېيىش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۈچ يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. نەتىجىدە مەلۇم بولۇشىچە، تاماقنى تېز يەيدىغانلار، تاماقنى ئاستا يەيدىغانلارغا قارىغاندا 4.4 ھەسسە تېز سەمرىيدىكەن، تاماقنى تېز يەيدىغان ئەرلەر تاماقنى تېز يەيدىغان ئاياللارغا قارىغاندا 2.8 ھەسسە تېز سەمرىيدىكەن.

   بۇنىڭدىن سىرت، تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، تاماقنى تېز يېيىشكە ئادەتلەنگەنلەر «كۆپرەك چايناش» ئېڭىنى يېتىلدۈرۈپ، تاماقنى كۆپ چايناپ ئاستا يېيىشى كېرەك ئىكەن. بۇ خىل تاماق يېيىش ئۇسۇلى چوڭلارنىڭلا مەسىلىسى بولماستىن بەلكى بالىلارغىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى تاماقنى تېز يېيىش سېمىزلىكتىن سىرت، يەنە ئېڭەكنىڭ يېتىلىشى ۋە ئېغىز بوشلۇقى پەرۋىشىگە چېتىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى