تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەربىيەسىگە جاۋاب قايتۇرىمەن

  قابا ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر باقىت كامالتاي

  مەن پارتىيە ئۇزاق يىل تەربىيەلىگەن، يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر، مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش كەچۈرمىشىم كۆپلىگەن كىشىنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈشى، ئورتاق ئىلگىرىلىشىنىڭ كارتىنىسىدۇر. مېنىڭ ئۆگىنىشىم، خىزمىتىم، ئۆسۈپ يېتىلىشىم، تۇرمۇشۇمنىڭ ھەرقايسى باسقۇچلىرىغا ھەر ۋاقىت مىللەتلەر ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەت چوڭقۇر سىڭگەن؛ مەن ۋە ھەر مىللەت خىزمەتداشلىرىم، قوشنىلىرىم، دوستلىرىم ناھايىتى ئېجىل – ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، مۈرىنى – مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، بىر – بىرىمىزدىن ئايرىلالمايدىغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتۇق، ھېچكىم بىزنى ئايرىۋېتەلمەيدۇ. بېسىپ ئۆتكەن مۇساپەمنى ئەسلىسەم شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەنكى، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەشكىلنىڭ تەربىيەلىشى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنۈم بولمايتتى، ئىلگىرىلەشلىرىم پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسىدە قولغا كەلگەن. مەن پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىمەن، باشلامچىلىق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ تەربىيەسىگە جاۋاب قايتۇرىمەن.

  ئۆز قۇرۇلۇشۇمنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىمەن. باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باشلامچى، ئۈلگە بولۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇھىم تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، ئاڭلىق تۈردە كەم – كوتسىز، ئۆزگەرتمەي ئىزچىللاشتۇرىمەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. بۇ كەسكىن سىياسىي كۈرەشتە، خىزمەت مەسئۇلىيىتىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خىزمىتىمنى ئەستايىدىللىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەيمەن. خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، پىتنە – پاساتلارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەددىيە بېرىمەن، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى قەتئىي چەكلەپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدايمەن. سۆز يېتەكچىلىكى، ھەرىكەت يېتەكچىلىكى جەھەتتىكى رولۇمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىش جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىشتىكى ئاكتىپ ئۈنۈمنى مۇجەسسەملەيمەن.

  ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەيمەن. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلىشىنى نازارەت قىلىمەن ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىمەن؛ چىن ھېسسىياتىم بىلەن، بار كۈچۈم بىلەن، مېھىر – مۇھەببىتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى قوزغاپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىشقا، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە، دادىل كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى چوڭقۇر پاش قىلىمەن، تەنقىد قىلىمەن، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى چەكلەش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئامما چارە كۆرسىتىدىغان ۋە ئامما كۈچ چىقىرىدىغان، ئامما مۇداپىئە كۆرىدىغان ۋە ئامما ئىدارە قىلىدىغان مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى