تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كونۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيەنىڭ سانى تەرەت تۇڭىنىڭكىدىن 400 ھەسسە كۆپ

    كومپيۇتېرنى قانچە كۆپ ئىشلەتكەنسېرى، كونۇپكا ئارىلىقىغا كىرىپ قالىدىغان كىرلار شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ئاۋسترالىيە سۋېزىلاند داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ئىشخانىدا ئىشلىتىدىغان كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ سانى تەرەت تۇڭى چەمبىرىكىدىكى باكتېرىيە سانىنىڭ 400 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئامېرىكا چىكاگو شەھىرىدىكى بىر دوختۇرخانىدا بايقىلىشىچە، دورىغا چىداملىق ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى كومپيۇتېر كونۇپكا تاختىسىدا 24 سائەت ياشىيالايدىكەن. گوللاندىيەدىكى بىر دوختۇرخانىدىكى خادىملار 100 كونۇپكا تاختىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، 95 كونۇپكا تاختىسىدا زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى، ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى ۋە باشقا پاتوگې (كېسەللىك غوزغاتقۇچى) نى بايقىغان.

   «ئاۋسترالىيە پەن-تېخنىكا ئاخبارات تورى» يېقىندا كونۇپكا تاختىسىنى تازىلىغاندا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلارنى يەكۈنلەپ چىققان.

   كۆپ ساندىكى مىكروبىيولوگىست (مىكرو ئورگانىزم ئالىمى) لار، ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بىر قېتىم ئىشخانا ئۈستىلى ۋە كونۇپكا تاختىسىنى تازىلاش كېرەك، دەپ قارىغان. ئامېرىكا دۆلەتلىك سەۋىيە تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى يەنە كىشىلەرنى كومپيۇتېر ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن، بولۇپمۇ تارقىلىشچان زۇكام تارقىلىش مەزگىلىدە قولنى يۇيۇۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن. ئەگەر كونۇپكا تاختىڭىز پەقەت ئۆزىڭىزگىلا خاس بولسا، ئۇنداقتا كونۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيەلەر ئۆزىڭىزنىڭ بارمىقىڭىزدىن كېلىدىكەن. گەرچە بۇلار ساغلاملىققا تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ، ئەمما دائىم قول يۇيۇش، كونۇپكا تاختىسىنى تازىلاپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن.

    كۇنۇپكا تاختىسىنى تازىلىغاندا، ئالدى بىلەن كومپيۇتېرنى ئۆچۈرۈپ، توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن كۇنۇپكا تاختا ئارىلىقىغا كىرىپ قالغان قىرىندىلار ياكى چاڭ-توزاننى چىقىرىۋېتىمىز. مۇتەخەسسىسلەر، ئوخشاش نىسبەتتىكى سۇ بىلەن ئىسپىرتنى ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشىگەندىن كېيىن تالا رەختنى سۇيۇقلۇققا چىلاپ كۇنۇپكا تاختىسىنى سۈرتۈش، پىلتىكۈچ بىلەن كۇنۇپكا تاختىسى ئارىلىقى سۈرتۈش تەكلىبىنى بەرگەن.

   ئامېرىكا نيۇيورك داشۆسى تېببىي شۆيۈەنىنىڭ مىكروبىيولوگىستى رېلوند، يان تېلېفوننىمۇ تازىلاش تەكلىپىنى بەرگەن. يان تېلېفوندا چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى بار بولۇپ، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى باكتېرىيەلەر بىلەن ئاسانلا گېرەلەشمە تارقىلىدىغان بولغاچقا، ھەر كۈنى ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈپ تازىلاپ تۇرۇش كېرەك ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئۈرۈمچىدە قار تېيىلىش سورۇنلىرى تىجارەت باشلىدى
  • چاغانتوقاي ناھىيەسىدە چارۋىلار قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈرۈلدى
  • جامبۇلاق تۇنجى نۆۋەتلىك قار-مۇز بايرىمى پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى