تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ دەريا چارلاش دەريا باشلىقى تۈزۈمىگە كۈچ قوشتى

  سانجى ئوبلاستى دەريا چارلاش خىزمىتىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تيەن دۇڭ، ليۇ رۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: بىر يىلدىن كۆپرەك ئىزدىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ھەم قۇتۇبى ناھىيەسىدە كۆپ قېتىم سىناق قىلىش ئارقىلىق، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەريا چارلاش خىزمىتىدە GIS (جۇغراپىيەلىك ئۇچۇر سىستېمىسى) تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا باشلاپ، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سەۋىيەسى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  سانجى ئوبلاستلىق دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسى بۇلتۇردىن بۇيان ھەر دەرىجىلىك دەريا باشلىقلىرى، بولۇپمۇ يېزا – بازار دەرىجىلىك دەريا باشلىقلىرىنى سەييارە تەكشۈرۈپ، سەييارە تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرى بىلەن قوللاش يېتەرلىك بولماسلىق، بايقالغان مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش ئاستا بولۇش ۋە سەييارە تەكشۈرۈشتە تاسادىپىي ئەھۋاللار بايقالغاندا ئۈنۈملۈك، دەل ۋاقتىدا كېڭىشىپ بىرتەرەپ قىلىش تەس بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقىدى. سانجى ئوبلاستى بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قۇتۇبى ناھىيەسىدە دەريا چارلاش GIS تېخنىكىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلدى.

  قۇتۇبى ناھىيەلىك دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جيې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: GIS تېخنىكىسى جۇغراپىيە، كارتوگرافىيە ۋە يىراقتىن سېزىش، كومپيۇتېر ئىلمىنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇغراپىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارنى كىرگۈزىدىغان، ساقلايدىغان، سۈرۈشتۈرىدىغان، تەھلىل قىلىدىغان ۋە كۆرسىتىدىغان كومپيۇتېر سىستېمىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، GIS تېخنىكىسى سۇچىلىق ئىشلىرىدا كەڭ قوللىنىلىۋاتىدۇ.

   قۇتۇبى ناھىيەلىك دەريا چارلاش ئىشخانىسى دۆلەتنىڭ سۇچىلىق تارماقلىرى بىلەن جىپسىلىپ، دەريا يوللىرىنى تورلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش شەكلى ئاساسىدىكى دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش سۇپىسى ئۈستىدە ئىزدەندى ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى ھەم دەريا باشلىقى تۈزۈمى APPسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى. بۇAPP GISتېخنىكىسى ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ چىقىلغان، ئۇنىڭغا ئوبلاستتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى دەريا – ئېقىنلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئورنى كىرگۈزۈلگەن ھەم ھەر بىر كەنتتىكى دەريا چارلاش ئورنى، ئۈچ خىل خادىم بىلەن ئالاقىلەشكۈچى، بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزى ۋە ئەتراپتىكى كارخانا قاتارلىقلارغا بەلگە قويۇلغان ۋە بۇ سىستېمىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئوبلاست، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك دەريا باشلىقى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىنغان. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭدا كۈندىلىك دەريا چارلاش، مەسىلىلەرنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئەھۋاللارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىستاتىستىكا قىلىش ۋە تەھلىل قىلىش قاتارلىقلار ئۇچۇرلاشتۇرۇپ باشقۇرۇلىدۇ، دەريا – كۆللەرنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش ئۇچۇرلىرى ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتى قوبۇل قىلىنىدۇ.

  سانجى ئوبلاستلىق دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاۋ شيەندۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ ئۇچۇر سۇپىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش دەريا باشلىقلىرىنىڭ دەريا چارلىغاندا بايقالغان مەسىلىلەرنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى قىممەتلىك ۋاقىت بىلەن تەمىنلەپ، دەريا چارلاش خاتىرىسى بولۇش، مەسىلىنى ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش، ئۇچۇر راۋان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، GIS تېخنىكىسى سانجى ئوبلاستىنىڭ ‹‹بىر دەرياغا بىر ئارخىپ›› تۇرغۇزۇلغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر ئارخىپىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر بىر دەريا – ئېقىنىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئارخىپىنى تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، دەريا – ئېقىنلارنىڭ قەيەردىلىكىنى، دەريا – ئېقىنلار ئېقىپ ئۆتىدىغان مەمۇرىي رايونلار، دەريا – ئېقىنلار ئەتراپىدىكى كارخانىلار، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى، بۇلغىما چىقىرىش ئېغىزلىرىنىڭ تارقىلىشى، يېزا – بازارلاردىكى ئۈچ خىل خادىمنىڭ باشقۇرۇش چېگراسى، دەريا چارلاش ئورنىنى بېكىتىش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېنىق ئىگىلەپ، دەريا باشلىقىنى دەريانى ئىدارە قىلىشتا ‹‹خەرىتە بويىچە جەڭ قىلىش›› ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  ھازىر بۇ تېخنىكا قۇتۇبى ناھىيەسىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى، سانجى ئوبلاستى بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى باشلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى