تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جاھان يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش

  ــــ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ‹‹<بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرەيلى›› تېمىسىدىكى ئاساسىي مەقسەت نۇتقى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دۇ جىڭ

  بۇ يىل 3 – ئايدا، ئاۋسترالىيەنىڭ سىدنېيدا ئاۋسترالىيەنىڭ سىياسىي، سودا ساھەسىدىكى 300 نەچچە ئەرباب بىر يەرگە جەم بولۇپ، تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ چوڭ سودا پۇرسىتىنى قانداق چىڭ تۇتۇش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلدى. دۇنيا بويىچە ئىمپورت باش تېما قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك بۇ تۇنجى كۆرگەزمە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانىدى.

  بۇ چوڭ تۈر دەل بىر يىل ئىلگىرى جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا ئېلان قىلغان بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ بىرى. بىر يىلدىن بۇيان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىدىكى ‹‹خەلقئارا پويىز›› ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ، تېز ئىلگىرىلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنى بەختلىك، خاتىرجەم، ئىناق، گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى.

  ئېقىم ھاسىل قىلىش ـــ دۇنياۋى ئورتاق تونۇش ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى

  ‹‹جۇڭگوچە سىياھ رەسىم›› ـــ ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسىنىڭ زىيارەتچى ئالىمى جياڭ شىخېڭ ئىلگىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئۈستىدە توختالغاندا مۇشۇ ئوخشىتىشنى ئىشلەتكەنىدى.

  ئۇ مۇنداق دېگەنىدى: ماي بوياق رەسىمنى كۆرۈپ كۆنۈپ قالغان غەربلىكلەر دەسلەپتە جۇڭگونىڭ سىياھ رەسىمىنى ئانچە چۈشەنمىگەن بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئەندىزىسى ۋە مەزمۇنىدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئۆگەندى. بەزى دۆلەتلەر ئىلگىرى جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى ئانچە چۈشەنمەي، ئۇنىڭغا گۇمانىي نەزەردە قارىغانىدى، لېكىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئورتاق تونۇش ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى.

  ‹‹چوڭقۇر دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە›› ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي بۇ يىل 2 – ئايدا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا يۇقىرىقىدەك قاراشتا بولدى.

  ‹‹جۇڭگونىڭ رايون گۈللىنىشىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسى›› ـــ سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››غا مۇشۇنداق باھا بەردى.

  جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان، دۇنياغا مەنسۇپ بۇ تەشەببۇسنى بارغانسېرى كۆپ دۆلەت تونۇماقتا ۋە قوبۇل قىلماقتا.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى تىنچلىق يولى، گۈللىنىش يولى، ئېچىۋېتىش يولى، يېڭىلىق يارىتىش يولى، مەدەنىيەت يولى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمىز. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭ بىر يىل ئىلگىرى سۆزلىگەن نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق نىشان ۋە مەنزىل ئىدى.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ شيامېن ئۇچرىشىشىغىچە، ئاسىيا – تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دا ناڭ يىغىنىدىن بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغىچە، بىر يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ نۇرغۇن مۇھىم خەلقئارا سورۇندا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىنى قايتا – قايتا شەرھلەپ، نۇرغۇن دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان بۇ ئەسىر قۇرۇلۇشىنى دۇنياغا تېخىمۇ چۈشەندۈردى ۋە تونۇتتى.

  دەل مۇشۇنداق يېتەكلەشنىڭ پايدىسى بىلەن جۇڭگو باشلىغان، چوڭ قىتئەنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› كارتىنىسى بارغانسېرى ئېنىق، جانلىق ھەم مول مەزمۇنغا ئىگە بولماقتا. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى ۋە تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلمەكتە.

  ئەنگلىيە ‹‹ئاسىيا ئائىلىسى››نىڭ رەئىسى گرېن كەلگۈسىگە نەزەر سالغان ئاساستا مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى تارىختىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، ئۇ مىسلىسىز ئۇسۇل بىلەن سودىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ھەم كىشىلەرگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.

  ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ــــ خەلقئارا ھەمراھلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

  قەدىمكى يىپەك يولى ئۇزۇنغا سوزۇلغان، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ تېخىمۇ ئاخىرقى چېكى يوق. ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا نۇقتىلىق يۈزلەندۈرۈلگەن بۇ تەشەببۇس دۇنياغا كەڭ قۇچاق ئاچماقتا.

  ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىگە جايلاشقان پاناما بۇلتۇر 6 – ئايدا جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، تېزدىن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىغا قوشۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن تۇنجى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئەسلەتمىسى ئىمزالىغان لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى بولۇپ قالدى.

  پانامانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شى كېفاڭ يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى دۇنياغا ھەمتۈرتكە بولدى، پاناما ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىدىكى مۇھىم دۆلەت بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  بىر يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ نۇتقىدا تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹مەيلى ئاسىيا، ياۋروپادىن كەلگەن بولسۇن ياكى ئافرىقا، ئامېرىكا قىتئەسىدىن كەلگەن بولسۇن، ھەممىسى <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا ھەمكارلاشقۇچى ھەمراھلىرى، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى كۆپچىلىك ئورتاق كېڭىشىمىز، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسىدىن كۆپچىلىك ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز››.

  دەل بۇ خىل باراۋەر، ئېچىۋېتىلگەن، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق خاراكتېرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› دوستلار چەمبىرىكىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، بارغانسېرى كۆپ دۆلەت، خەلقئارا تەشكىلات ۋە كارخانىلار ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىغا ‹‹ئىشەنچ بېلىتى›› ۋە ‹‹مەدەت بېلىتى›› تاشلىدى.

  ھازىرغا قەدەر، 80 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات جۇڭگو بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى؛ ب د ت كېڭىشى، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم قارارلىرىغا ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ مەزمۇنى كىرگۈزۈلدى؛ ئۆزبېكىستان ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى دىپلوماتىيە پەرمانىغا كىرگۈزدى.

   دۇنيادىكى كارخانا ساھەسىدىكىلەرمۇ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدىغان پۇرسەت، دەپ قارىماقتا. بۇ يىل 3 – ئايدا، گېرمانىيەنىڭ سانائەت ماگناتى ‹‹سېمېنس›› شىركىتى بېيجىڭدا دۇنياۋى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىشخانىسى قۇرغانلىقىنى ھەم 100 نەچچە جۇڭگو كارخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بازىرىنى ئاچقانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پەن – تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق كارخانىسى ـــ ‹‹خونېيۋېل›› شىركىتى، ئەنگلىيە خۇيفېڭ بانكىسى، ئاۋسترالىيە كانچىلىق ماگناتى ‹‹رىئو تىنتو›› شىركىتى... ئامېرىكا ئىستېمالچىلار خەۋەرلىرى ۋە سودا قانىلىنىڭ خەۋەرلىرىدە، دۆلەت ھالقىغان نۇرغۇن شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى تېپىلغۇسىز پۇرسەتتىن دېرەك بېرىدۇ، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردە زور يېڭى سودا پۇرسىتى يارىتىدۇ، دېدى.

  بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسىدە: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ‹‹ھەقىقىي دۇنياۋى لايىھە›› بولۇپ قالدى، دېيىلدى.

  پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش ـــ ئۇلۇغۋار پىلانغا يېڭى تۈس كىرگۈزۈلدى

  ئىلگىرى بۇ جاي نەگىلا قارىسا ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى توپا رەڭ كېسەك ئۆي، تۆت ئەتراپى تىك يار، قۇملۇق ۋە دېڭىز بىلەن ئورالغان ئۇنتۇلغان خىلۋەت بۇرجەككە ئوخشايتتى. پاكىستاننىڭ گۋاردال دېگەن يېرى ئىلگىرى جەنۇبىي ئاسىيادىكى چەت، يىراق، جىمجىت كىچىك بېلىقچىلىق پورتى ئىدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىزناسىنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايتتى. ھازىر قارايدىغان بولساق، پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگەن كونتېينېر پىرىستانى، سېلىنىۋاتقان مېھمانساراي، شۇنداقلا يىراق – يىراقلارغا تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ۋە تۆمۈريول، قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەن شەھەر قۇرۇلۇشى مەنزىرىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ.

  بۇ، ئامېرىكا ‹‹ئاتلانتىك ئوكيان›› ئايلىق ژۇرنىلى مۇخبىرىنىڭ گۋاردال پورتىدا كۆرگەنلىرى ئىدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. جۇڭگو بىلەن پاكىستاننىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، گۋاردال پورتىنى جۇڭگو كارخانىلىرى قۇرۇش ۋە يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل بولغاندىن بۇيان، تېز تەرەققىي قىلىپ، شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئارزۇسىنى قاناتلاندۇردى.

  پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئاھسان ئىقبال يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى تۈرتكىلىكىدىكى جۇڭگو – پاكىستان ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقى نەچچە مىليون پاكىستان خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا ئىجابىي ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى.

  ئۇلۇغ ئىش ئۇلۇغۋار ئەمەلىيەتكە موھتاج. دوستانە ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئەمەلىي كېلىشىم تۈزۈشكىچە، قۇرۇلۇش مەبلىغى بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشتىن يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكىچە، رەئىس شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر دۇنياغا جۇڭگونىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نىڭ تەشەببۇسچىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، مەسئۇلىيەتچان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالىدىغان ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

  بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئالغان كېنىيە مومباسا – نايروبى تۆمۈر يولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىشتىن تارتىپ، جۇڭگو – رۇسىيە يامال سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز تۈرىنىڭ تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشكىچە؛ ‹‹مۇز ئۈستى يىپەك يولى››، ‹‹رەقەملىك يىپەك يولى››دىن تارتىپ، جۇڭگو – لائوس ئىقتىساد كارىدورى، جۇڭگو – بىرما ئىقتىساد كارىدورىغىچە... ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلمەكتە.

   خۇددى ئامېرىكا ‹‹فوربېس›› ژۇرنىلى كۆزەتكەندەك، ‹‹دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ يىغىن زالىدا، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى مەيدانىدا، نەچچە ئون دۆلەتنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونلىرىدا <بىر بەلباغ، بىر يول>قۇرۇلۇشى ھەقىقىي يولغا قويۇلماقتا››.

  ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› قۇرۇلۇشى قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، ئاز – ئازدىن نەتىجە توپلانماقتا. ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىش ئارزۇسىنى تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە تۇتاشتۇرغۇسى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.