تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش

قەشقەر شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز  تاھىرجان ئاتاۋۇللا، ئەسقەرجان تۇرسۇن  خەۋىرى، فوتوسى: قەشقەر شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يېقىندا شامالباغ بازىرىنىڭ قىزىلدۆۋە كەنتىدىكى ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، كادىرلار بىلەن ئامما بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ، خۇشال-خۇرام كەيپىياتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى نامايەن قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى رىشتىسىنى  تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى.

    پائالىيەت شامالباغ بازىرىنىڭ قىزىلدۆۋە كەنتى ئاھالىلىرى ئورۇندىغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا يېڭى جۇڭگومۇ بولمايتتى» ناملىق خور بىلەن باشلاندى. قەشقەر شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان زامانىۋى ئۇسسۇل، يالغۇز كىشلىك ناخشا، خور قاتارلىق نومۇرلار كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. پائالىيەتتە يەنە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن مۇكاپاتلىق زېھىن سىناش تۈرى ئېلىپ بېرىلىپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

    قەشقەر شەھىرى شامالباغ بازىرى قىزىلدۆۋە كەنتى ئاھالىسى كەۋسەرئاي رىشات مۇنداق دېدى: بۈگۈن بەكلا خۇشال بولدۇم، قەشقەر شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىكى كادىرلارنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن نادىر نومۇرلىرىغا كۆپ رەھمەت، بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى.

    كەنت ئاھالىسى ئەلاقىز ئەكبەر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھەر خىل شەكىلدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرى كۆپچىلىكنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى بېيىتىپلا قالماستىن، بىزگە ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇردى.

    بۇ قېتىمقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى كادىرلار بىلەن ئامما ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشنى بىر خىل مەدەنىي ئادەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، قوشنىلار ئارا ھەمدەمدە بولۇش، ياردەم قىلىشتەك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختلىدى.

    قەشقەر شەھەرلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى پەرىدە سەمەت مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئامما بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردۇق، ئۇلارغا ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ بەردۇق، ئاخىرىدا يەنە دېھقانلار بىلەن بىرگە ئۇسسۇل ئويناپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تامىقى يەپ، ئىنتايىن خۇشال بولدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى