تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى:

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

  شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى

  مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۈن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، ئۇ يېڭى دەۋردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، تور كۈچلۈك دۆلىتى، رەقەملىك جۇڭگو، ئەقىل – ئىدراكلىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ تۈپ مىزانى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ مول مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاڭلىقلىقىمىز ۋە قەتئىيلىكىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تورنى ئىدارە قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك تور جامائەت پىكرىنىڭ قوللىشىغا، ئىشەنچلىك تور بىخەتەرلىكى كاپالىتىگە، كۈچلۈك ئۇچۇرلاشتۇرۇش تىرىكىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. بىرىنچى، تەشكىلاتنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى سىستېمىسىنى ھەقىقىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ باشتىن – ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئىككىنچى، قوشۇننى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ئىقتىدارىمىز ۋە سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبىرىي كادىرلىرىنى ياخشى تاللاپ ۋە كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە، قوشۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك. ئۈچىنچى، تېخنىكىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تۈرلۈك بايلىقلاردىن بىرتۇتاش پىلانلىق پايدىلىنىپ، ھازىرقى تېخنىكىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلغار تېخنىكىلارنى تەتقىق قىلىپ، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئارمىيە – خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى تەرەققىياتىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىشىمىز كېرەك. تۆتىنچى، قورال – جابدۇقلارنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. قورال – جابدۇقلارنىڭ دەرىجىسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، زور قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. بەشىنچى، ئىقتىدارنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، تور بىخەتەرلىكى خىزمىتى بويىچە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەپ، سۇ كەلگىچە توغان سېلىپ، ھۇجۇم ۋە مۇداپىئەگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئەنى بىرلەشتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە خەلقنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. ئالتىنچى، بازىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بايرىقىمىز روشەن ھالدا توغرا سىياسىي يۆنىلىش، جامائەت پىكرى يېتەكچىلىكى، قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي ئېقىم ئىدىيەۋى جامائەت پىكرىنى كۈچەيتىپ، تور تەشۋىقاتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، تەسىر كۈچى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تەشۋىق قىلىپ، توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ چىقىشىمىز كېرەك. يەتتىنچى، كەسىپلەرنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋە يېڭى – كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنى ئۇچۇرلاشتۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كونكرېتلاشتۇرۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان، كارخانا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، جەمئىيەت نازارەت قىلىدىغان، تور ئەھلى تەلەپچان بولغان ئالاقە تورىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈشى، ھەر دەرىجىلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلارشتۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك ئاپپاراتلىرى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، ئالاقىدار تارماقلار فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە تورى كارخانىلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ئىقتىدار ۋە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تورنى ئۆگىنىشى، تورنى چۈشىنىشى، توردىن پايدىلىنىشى، ئالاقە تورى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تور بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، ئالاقە تورى ئارقىلىق ئاممىنى تەشكىللەش، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش، ئاممىنى يېتەكلەش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە تەلەپلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپى بويىچە، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ھالقا، مۇھىم تەدبىر، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇشى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە بايرىقى روشەن ھالدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇشى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە ئارمىيە – خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشى، تورنىڭ كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش، كۈچ توپلاش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يەنىمۇ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.