تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپ-تېخنىكا تۈرىدىكى مەكتەپلەر بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى

   مۇبارەك ئىسمائىل خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونىمىز كەسىپ–تېخنىكا تۈرىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىختىساس ئىگىلىرىنى نىشانلىق تەربىيەلىشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

   پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا ‹‹كەسپىي مائارىپ ۋە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تېخى يېقىندىلا شىنجاڭ سانجى كەسىپ–تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزۈپ، شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھىغا قاراشلىق شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ 330 كىلوۋولتلۇق ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا ئىشقا چۈشكەن 22 ياشلىق ليۇ شۆ مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىمنى كارخانا بىلەن مەكتەپ بىرلىكتە پىلانلىغان بولغاچقا، ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئىشقا چۈشۈپلا ئىشلىتەلىدىم. ھازىر ھەر ئايدا 4000 يۈەندىن كۆپرەك ئىش ھەققى ئالىمەن.

   شىنجاڭ سانجى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئەڭ چوڭ كەسىپ–تېخنىكا تۈرىدىكى مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى بىلەن ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى تۈزۈپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، كارخانا سۇپا ھازىرلاش، ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، مەكتەپ كەسىپ تەسىس قىلىش، پۇختا تەربىيەلەش ئارقىلىق، ئىككى تەرەپ تەڭ نەپكە ئېرىشىشتەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى.

   شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھى تەربىيەلەش شۆيۈەنىدىن دۇ شىنخەي مۇنداق دېدى: مەكتەپتە ئىش ئورنى نىشان قىلىنغان دەرسلىك تەسىس قىلىنغاچقا، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە نېمىنى ئۆگەنگەن بولسا، شىركىتىمىزگە كېلىپ شۇ ئىشنى قىلىدۇ ھەم دەرھال ئىش ئورنىغا چىقالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون تەشەببۇس قىلغان ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا ئىش ئورنىغا چىقىش ئەمەلگە ئاشىدۇ.

   شىنجاڭ سانجى كەسىپ–تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ لىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى گۇرۇھىدىن سىرت، مەكتىپىمىز يەنە دۆلەت ئىچىدىكى نەچچە ئون داڭلىق كارخانا بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى ھەم ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى. مەكتىپىمىزدە بۇلتۇر 2422 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزدى، بۇلتۇر 12–ئاينىڭ 31–كۈنىگىچە، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %98.4كە، كارخانىلارغا كىرىپ ئىشلەش نىسبىتى %94.7كە يەتتى.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى گاۋ شياۋپىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسەتلەرنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز. زامانىۋىلاشقان شاگىرت تەربىيەلەش تۈزۈمى بەرپا قىلىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ چوڭقۇر بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كەسىپ ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېخنىكا ئىختىساس ئىگىلىرى جەھەتتە كاپالەتكە ئىگە قىلىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى