تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئەتراپلىق تەشكىللەپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11-ماي تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 5- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 2- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىدا زور ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بىر تەرەپتىن ئەمەلدە كۆرسىتىش، بىر تەرەپتىن خۇلاسىلەشكە دىققەت قىلىپ، ياخشى تەجرىبىلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئەتراپلىق تەشكىللەپ، خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تەشكىللەپ يولغا قويۇش جەريانىدا مەركەز ۋە يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

   يىغىندا «يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مال- مۈلۈك قەرزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تىجارەت خاراكتېرىدىكى دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش سىناق نۇقتىسى توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»، «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قارىمىقىدىكى كارخانىلارنىڭ تۈزۈلمە ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»، «پاناھسىز سەرگەردان، تىلەمچىلەرنى پاناھلاندۇرۇش- باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»، «داۋالاش- سەھىيە ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» ۋە «پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھات ۋەزىپىسى، ئىش تەقسىماتىنى تەڭشەش توغرىسىدا يوليورۇق سوراش»، «پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانى (2018- يىلىدىن 2022- يىلىغىچە)» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

     يىغىندا «پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات» قاراپ چىقىلدى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مال- مۈلۈك قەرزىنى چەكلەشنى كۈچەيتىش پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پىشاڭىنى تۆۋەنلىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قەرز خەۋپ- خەتىرىنى تۈگىتىش ۋە ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئومۇميۈزلۈك قاپلاش بىلەن تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىچكى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن سىرتقى چەكلەشنى كۈچەيتىشنى بىرلەشتۈرۈش، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مال- مۈلۈك قەرزىنى چەكلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، قەرزى كۆپ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ مۈلۈك قەرز نىسبىتىنىڭ تېزدىن مۇۋاپىق سەۋىيەگە چۈشۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تىجارەت خاراكتېرىدىكى دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن مۈلۈكنى ئايرىش، ئىگىدارلىق ھوقۇقى بىلەن ئىگىلىك باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۆزلىرى قۇرغان كارخانىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇش، دۆلەت كاپىتالىنى يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دۆلەت كاپىتالىنى تەقسىملەش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، كارخانىلارنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىجارەت خاراكتېرىدىكى دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قارىمىقىدىكى كارخانىلار تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قارىمىقىدىكى كارخانىلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى ۋە جاۋابكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ، ئىسلاھات خىزمىتىنى تۈرگە ئايرىپ يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ زېھنىي كۈچىنى مەكتەپ باشقۇرۇشقا، ئىچكى ئامىللىق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: كارخانا ئىشچى- خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالى ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ بىر پۈتۈن يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ۋە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈۋەتمەسلىك ئاساسىدا، مەركەز تەڭشەش فوندىنى توپلاش، فوند ئاجرىتىپ بېرىش، فوندنى باشقۇرۇش، مەركەز مالىيەسىدىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق رايونلار ئارا فوند يۈكىنى مۇۋاپىق تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، فوند بىخەتەرلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشىنى، مالىيە يۈكىنى كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جايلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەز كارخانىلىرىنىڭ رەھبىرىي خادىملىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، بازار مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇشتا، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن چوڭقۇر غەمخورلۇق قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە، ئىلھاملاندۇرۇش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋى دۆلەت كارخانىسى تۈزۈمى تەلىپى ۋە بازار رىقابىتى ئېھتىياجىغا ماسلاشقان خادىم تاللاش، ئىشقا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەگە سادىق، باتۇرلۇق بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان، كارخانا ئىدارە قىلىشقا ۋە گۈللەندۈرۈشكە ماھىر، پاك، دۇرۇس مەركەز كارخانىلىرى رەھبىرىي خادىملار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

     يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پاناھسىز سەرگەردان، تىلەمچىلەرنى پاناھلاندۇرۇش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، تورنى زىچ توقۇش، مېخانىزم ئورنىتىش تەلىپىگە ئاساسەن، تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەۋە جاي مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى چىڭىتىپ، سەرگەردان، تىلەمچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: داۋالاش- سەھىيە ساھەسىنى ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاممىنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. داۋالاش- سەھىيە ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە ئالاھىدىلىكىنى توغرا ئىگىلەپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدىيەسى، تۈزۈلمىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھۆكۈمەت داۋالاش- سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى پۈتۈن كەسىپنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا، ئىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا ئەھمىيەت بېرىشنى ئىش ئۈستىدىكى، ئىشتىن كېيىنكى پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا، يەككە يۆنىلىشلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۇنىۋېرسال ماسلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىدا بىرتۇتاش باشقۇرۇش سالمىقى زورايتىلىپ، ئۆزگەرتىش تەرتىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كىشىلەرگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ياخشى ئىشلىنىپ، بىرقەدەر قىسقا ۋاقىتتا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىدىيەسى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، قىزغىنلىقى ئاشۇرۇلۇپ، ھەرىكىتى تېزلىتىلىپ، مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئىشلار توسالغۇسىز يۈرۈشىدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلتۈرۈلدى. بۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان بىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىشقا سالغان ئاساسىمىزنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئالدىنقى بىر مەزگىلدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتى مېخانىزمى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشىمىزنىڭ كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈردى.

    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، كۈچلۈك بېسىم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئومۇمىي تەلەپ − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما- تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، كۈچلۈك ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئاپپاراتلارغا تېخىمۇ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقى بېرىپ، يەرلىكنىڭ ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە فۇنكسىيە سەپلىشىگە رۇخسەت قىلىش؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى قاتتىق چەك قويۇپ باشقۇرۇپ، ئىشتات باشقۇرۇشنىڭ قاتتىق چەكلىمىلىكىنى كۈچەيتىش؛ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، قولايلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلامدىكى ئىشلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە مۇۋاپىق كېلىشنى كۆزلەپ، ئىخچام، ئۈنۈملۈك ئاساسىي قاتلام باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش؛ ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

    يەرلىك پارتكوملار ئاپپارات ئىسلاھاتى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى لايىھەسى تۈزۈش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەتقىق قىلىپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي خىزمەتنى ئىسلاھاتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ئىسلاھات مەزگىلىدە تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئۆلكە(رايون، شەھەر)لىك پارتكوملارنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرى ۋە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى تارماقلار ئومۇمىي جەھەتتىن مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، ئاپپاراتلىرى بىلەن ماسلىشىشى كېرەك، جايلار مۇشۇ ئاساستا ئۆز جايىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئالاقىدار ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلسا بولىدۇ. مەسئۇلىيەتنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەندىكىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ماسلاشتۇرۇش، جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر يەرلىكنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەھۋال ۋە مەسىلىنى توغرا، ئېنىق ئىگىلەپ، بىرمۇبىر تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى كېرەك.

    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەرلىكتىكىلەر ئىسلاھاتنى تۇتۇشتا مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، بەزى ھالقىلىق رول ئوينايدىغان ئىسلاھاتقا نىسبەتەن ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. يەرلىكنىڭ ئىسلاھاتىغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇشتا تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا دىققەت قىلىشى، ھەم ئومۇمىيلىقنىڭ بىرلىكى بولۇش، ھەم قىسمەنلىكنىڭ جانلىقلىقى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېتەكچىلىك ۋە رىغبەتلەندۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

   مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.