تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بىر خىل كۈرەش بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو كۈچى

− ۋېنچۈەننىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش تەرەققىيات خاتىرىسى


    ھەش- پەش دېگۈچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، ۋېنچۈەندىكى «12- ماي» پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلار ئورنىدىن قايتا دەس تۇردى.

   ئۆتكەن ئون يىلنى ئەسلىسەك، ھايات قالغانلارنى قۇتقۇزۇش، يۇرت- ماكاننى قايتا قۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ مۆجىزىسىنى ياراتتى.

بىر خىل كۈچ بار، تاغ- دەريالارنى تەسىرلەندۈرىدىغان؛ بىر خىل بېغىشلاش بار، ھاياتلىق ئارقىلىق پۈتۈلىدىغان

  5- ئايدىكى ۋېنچۈەن جىلغىسىدا تاغ چوققىسىدىكى 400 مىڭ تۈپ قەدىمىي چاي دەرىخى بىخ چىقىرىشقا باشلىغانىدى. لۇڭمېن تېغى تىزمىسى رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەنىدى. ھاياتلىق بىخ سۈرۈۋاتقان ئورمان، بەس- بەستە ئېچىلىۋاتقان گۈل- چېچەكلەر بۇ زېمىننىڭ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ھاياتىي كۈچىدىن دېرەك بېرىپ تۇراتتى.

   ۋېنچۈەن ناھىيەسى ياڭشيۇ بازىرىنىڭ يۈزىشى كەنتىدە تاملىرى ئاپئاق ئاقارتىلغان، كۆك كاھىشلىق بىنالار تاغ باغرىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 60 ياشتىن ھالقىغان جاڭ جىفۇ ھەر كۈنى كەچقۇرۇن ئېتىزلىقنى سەيلە قىلىشنى ياقتۇراتتى.

   جاڭ جىفۇ يۈزىشى كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، يەر تەۋرەشتىن ئىلگىرى سابىق شۈەنكوۋ ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئامانلىق قوغدىغۇچى ئىدى. جاڭ جىفۇ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزدىكى فاڭ جيې مۇئەللىمنى پات- پات ئەسلەپ قالىمەن. فاڭ جيې مۇئەللىم يەر تەۋرىگەندە قولى بىلەن سىنىپ ئىشىكىنى تىرەپ تۇرغاچقا، سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئوڭۇشلۇق قۇتۇلۇپ چىقالىدى، بىراق ئۇ تام ئاستىدا قالدى. قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئۇنى بايقىغاندا، ئۇ خۇددى مەڭگۈ ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدىغان ھاياتلىق ئىشىكىنى تىرەپ تۇرغاندەك ئىككى قولىنى كۆتۈرگەن ھالەتتە ئىدى.

   جاڭ جىفۇ: مۇشۇنداق كىشىنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ كەتكىلى بولسۇن! دېدى.

   ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش جەريانىدا، كىشىلەر ھايات- ماماتلىق سىناقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. بېيچۈەن ناھىيە بازىرى خارابىسىنىڭ يېنىدىكى ۋېنچۈەن پەۋقۇلئاددە ئېغىر يەر تەۋرەش ئاپىتى خاتىرە سارىيىدا، كىشىلەر دائىم رەت- رەت ھەيكەللەر ئالدىدىن ئۆتكەندە قەدىمىنى توختىتىدۇ، بۇلار يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونغا ياردەم بېرىشكە كېلىپ قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ھەيكىلى، بۇنىڭ ئىچىدە سۈي شۆشۈەننىڭمۇ ھەيكىلى بار.

   سۈي شۆشۈەن ھايات چېغىدا ۋېيفاڭ شەھەرلىك يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى سىچۈەنگە ياردەم بېرىش ئالدىنقى سېپىنىڭ قوماندانى ئىدى. ئۇ قالدۇق يەر تەۋرەش، گۈمۈرۈلۈش، تاغدىن تاش سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىقلارغا قارىماي، قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىش خادىملىرىنى باشلاپ، بېيچۈەن ناھىيەسى گۈيشى يېزىسىدا ئالدىراش يۈردى، بەزى چاغلاردا كېچە- كېچىلەپ كىرپىك قاقمىدى. ئۇ 2009- يىلى 7- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئۇدا ھەددىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلغانلىقتىن، يىقىلىپ قالدى. سۈي شۆشۈەن جان ئۈزۈش ئالدىدا، يېنىدا تەلمۈرۈپ تۇرغان ئانىسىغا مۇنداق دېگەنىدى: مەن ساقايغاندىن كېيىن، سېنى يېڭى بېيچۈەننى كۆرگىلى ئاپىرىمەن.

   ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن قايتا قۇرۇشقا ياردەم بەرگۈچىلەر لۇڭمېن تېغى تىزمىسىدىكى شەھەر، بازار، زاۋۇت، كان، تاغلىق رايون، ئېتىز، دالالاردا كۈرەش قىلدى، ئۇلارنىڭ تولۇپ تاشقان غەيرىتى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايوندىكى كادىرلار، ئاممىنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى.

   يەر تەۋرەشتە يىڭشيۇ بازىرىدا 125 سائەتكە يېقىن كۆمۈلۈپ قالغان جياڭ يۈخاڭنى شاڭخەيدىن كەلگەن ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر- جەڭچىلىرى قۇتقۇزۇپ قالدى. «ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر- جەڭچىلىرى ماڭا ئىككىنچى قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلدى، مېنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش جەڭچى بولغۇم بار!»، جياڭ يۈخاڭ شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ھەربىي سەپكە تىزىملىتىپ، ئارزۇسى بويىچە شاڭخەيدە ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىسى بولدى.

   جياڭ يۈخاڭنى قۇتقۇزغان «پېشقەدەم بەنجاڭ» جوۋ چىڭياڭ مۇنداق دېدى: قۇتقۇزۇش داۋامىدا قازا قىلغانلارنى ئۇچراتقاندا، يېڭىدىن سەپكە قاتناشقان باشقا ئەسكەرلەر قورقسا، جياڭ يۈخاڭ باشلامچىلىق بىلەن ئالدىغا ئېتىلىپ باردى. جياڭ يۈخاڭ تۇرۇشلۇق بەن گۇرۇپپا ھەر يىلى 30- 20 ئادەمنى قۇتقۇزدى.

   2010 - يىلى يۈشۇدا يەر تەۋرىگەندە، لاپاسلىق رايوندا كىيىم- كېچەك ساتىدىغان بېيچۈەنلىك ئۇششاق تىجارەتچى ئەمدىلا كەلگەن مېلىنى ئوراپ يۈشۇدىكى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتتى؛ 2013- يىلى لۇشەندە يەر تەۋرەپ تۆت سائەتتىن كېيىن، ۋېنچۈەن ناھىيەسى شۈيمو بازىرىدىكى 20 نەچچە كەنت ئاھالىسى ئۆزلۈكىدىن تەشكىللىنىپ لۇشەنگە باردى؛ 2017- يىلى جيۇجەيگوۋدا يەر تەۋرىگەندە، يىڭشيۇ بازىرى جۇڭتەنپۇ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ يۈنبىڭ ئاممىنى يېتەكلەپ يەر تەۋرىگەن رايونغا ئاتلاندى...

    ئون يىللىق كۈرەشتىن كېيىنكى ئاپەت رايونى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

بىر خىل مەسئۇلىيەت بار، مەنپەئەتداش ۋە تەقدىرداش بولىدىغان؛ بىر خىل ئىتتىپاقلىق بار، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ قوغدىنىدىغان

     5- ئاي كېلىشى بىلەن، ئون يىلنىڭ ئالدىدىكى كۆرۈنۈش كۆز ئالدىمىزدا قايتا نامايان بولغاندەك بولدى.

    يەر تەۋرىگەن دەسلەپكى بىر قانچە كۈندە، جىددىي يۆتكەپ كېلىنگەن چېدىرلار ئاپەت رايونىدىكى يولنىڭ بويىغا دۆۋىلىنىپ كەتتى، ئەمما بۇنى كىم يۆتكەپ ئاپىرىپ تىكىدۇ؟ ھەممىلا جايدا ئادەم يېتىشمەيۋاتاتتى. دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتتىن ئون ئەر سەكرەپ چۈشۈپ: بىز ياردەملىشەيلىمۇ؟ دېدى.

   بۇ بىر توپ ئەر شەندۇڭنىڭ جۈيشيەن ناھىيەسىدىن كەلگەنىدى، ئۇلار بىر ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتقا قىستىلىپ ئولتۇرۇپ، 3000 يۈەن پۇل، 38 يەشىك مىنېرال سۇ، 50 يەشىك تەييار چۆپ، 50 كىلوگىرام شەندۇڭ قاتلىمىسىنى ئېلىپ يۇرتىدىن يولغا چىققانىدى. ئۈچ چاقلىق موتوسىكلىتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىنمايدىغان بولغاچقا، ئۇلار تاغ- داۋانلاردىن ئېشىپ، نەچچە كېچە- كۈندۈزدە ئاران ئاپەت رايونىغا يېتىپ كەلگەنىدى.

   نەنجىڭ شەھىرى جياڭنىڭ رايونىدىكى ئىئانە توپلاش نۇقتىسىدا ئەسكى- تۈسكى نەرسىلەرنى تېرىيدىغان بىر بوۋاي چۈشتىن بۇرۇن بەش يۈەن ئىئانە قىلدى، چۈشتىن كېيىن يەنە كۆپ يىللاردىن بۇيان يىغقان پارچە- پۇرات پۇللىرىنى بانكىدا بىر 100 يۈەنلىك پۇلغا ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى ئىئانە قىلدى. ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ ھەممىلا يېرى دېگۈدەك يىرتىق ئىدى.

   بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقان ئاق كۆڭۈللۈك ۋە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتۇر. ئاپەتتىن كېيىنكى بىر ئايدىلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرلا چاقىرىقى بىلەن، 19 ئۆلكە، شەھەر ئاپەت ئەھۋالى ئېغىر ناھىيەلەرگە «بىرگە بىر» قايتا قۇرۇشقا ياردەم بەردى، 300 نەچچە مىڭ ياردەم بەرگۈچى زور قوشۇن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن رايونغا ئاتلاندى، مىليونغا يېقىن پىدائىي ئۆزلۈكىدىن ئاپەت رايونىغا كەلدى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى قېرىنداشلار ئارقا- ئارقىدىن ياردەم بەردى.

   − جيەنمېندا خەۋپ- خەتەر ئەڭ ئېغىر بولۇپ، يەر تەۋرەش بۇ جاينى ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقانىدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، جيەنگې ناھىيەسىنى «لۇڭجياڭدىكى 1- ناھىيە» قىلىپ بېكىتتى.

   «ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆيلەرنى بىراقلا يۆلەپ ئەسلىگە كەلتۈرگۈم كېلىپ كەتتى!» خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىش باش قوماندانى ليۇ گوخۈي جيەنگې ناھىيەسىگە دەسلەپتە كەلگەندە، چېدىردا تۇرۇۋاتقان ياشانغانلارنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى. داچىڭلىق بۇ ئەزىمەت جان تىكىپ كۈرەش قىلىپ، قان بېسىمى ئۆرلەپ كەتسە دورا ئىچىپ، داۋاملىق جاپالىق ئىشلىدى.

   − بېيچۈەننىڭ بەينى يېزىسى ئاپەتتىن كېيىن «يېگانە ئارال»غا ئايلىنىپ قالغانىدى. شەندۇڭ يەنتەيدىن قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ خۈيجېڭ كەچتە چېدىردا ئۇخلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سىچۈەن ئەينى يىلى قىزىل ئارمىيە ئۆتكەن جاي. پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەجدادلارنىڭ بۇ يەرگە تۆككەن ئىسسىق قېنىغا يۈز كېلەلىشىم كېرەك.

   شاڭخەي قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىش ئەترىتى چىڭچېڭشەندىكى تۇرۇشلۇق جايدىن ئايرىلغاندا، 10 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ئەتراپتىكى كەنتتىن كېلىپ ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى. شاڭخەيدىن قايتا قۇرۇشقا ياردەم بېرىشكە كەلگەنلەر كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ ئايرىلىشقا قىيمىدى.

   قوشۇن تارقالغان بولسىمۇ، سەپداشلىق مۇھەببىتى يەنىلا بار، بۇنداق مۇھەببەت خەتەردىن قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتىن ئون يىل كېيىنكى بۈگۈنكى كۈنگىچە بارغانسېرى كۈچىيىپ بارماقتا.

   پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئۈنۈملۈك تەشكىللىشى بىلەن، كادىرلار ئامما بىلەن، دۆلەت كارخانىلىرى پۇقراۋى كارخانىلار بىلەن، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار شەخسلەر بىلەن، يۇقىرى- تۆۋەن بىر مەقسەتتە، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولۇپ، مۈرىنى- مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنىڭ ئېقىنىنى ھاسىل قىلدى.

بىر خىل مەسئۇلىيەت بار، ئاۋانگارت، نەمۇنىچىلاردىن بولىدىغان؛ بىر خىل قايتا ھاياتلىق بار، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان

   ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى بۇزغۇنچىلىقى ئەڭ ئېغىر، قۇتقۇزۇشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش بولۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش «دۇنياۋى قىيىن مەسىلە» دەپ قارالدى.

   يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دەرھال كۆرسەتمە بېرىپ، خەلقنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشنىڭ جىددىي ئورۇنداشقا تېگىشلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى بار كۈچ بىلەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات داۋامىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چوقۇم خەلقنى مەركەز قىلىش، «خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش» پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

   پارتىيەنىڭ «تايانچ»، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ «يۆلەنچۈك» بولۇشى ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

   قەيەردە ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما بولسا، قەيەردە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش- ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتى بولسا، شۇ يەردە پارتىيە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى، شۇ يەردە پارتىيە خىزمىتى بار.

    تاڭجياشەندىكى يەنسەيخۇدا خەتەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يوۋشيەن رايونلۇق پارتكوم توققۇز ۋاقىتلىق پارتكوم، 43 ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى پارتىيە ياچېيكىسى، 296 چېدىرلىق پارتىيە گۇرۇپپىسى ۋە 200 نەچچە پارتىيە ئەزالىرى مەجبۇرەن مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، 3000 دىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسىنى تەشكىللەپ، 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تارقاقلاشتۇرۇپ يۆتكىدى.

پارتىيە ئەزالىرى ئالدىدا مېڭىپ، كادىرلار مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدى!

    ئاپەت رايونى، بولۇپمۇ ئېغىر ئاپەت رايونلىرىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تۇغقانلىرىدىن ئايرىلغان ياكى يارىلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

    كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى جۇڭ شىپىڭ يەر تەۋرىگەن مەزگىلدە شېنفاڭ شەھىرى خۇڭبەي ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئىدى، ئۇ ئىككى قېرىندىشى قازا قىلغان، ئۆزى يارىلانغان ئەھۋالدا، مەكتەپنىڭ قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ ئىشلىدى؛ ئاپەتتىن كېيىن يەنە تەشكىلنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ۋاقىتلىق قۇرۇلغان شېنفاڭ شەھىرى غەمخورلۇق يەتكۈزۈش ئىشخانىسىدا ئىشلەپ، يېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ياردەم قىلىپ، بۇ خىزمەتنى توپتوغرا ئون يىل داۋاملاشتۇردى. كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى ياڭ كەيمۇ قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىپ، يەر تەۋرىگەن چاغدا ئۆزى تۇرۇشلۇق ئورمانچىلىق مەيدانىدا ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇشنى پائال تەشكىللىدى، يەر تەۋرەشتىن كېيىن 28 نۆۋەتچى گۇرۇپپىنى يېتەكلەپ، بىر يىلدا 10 مىڭ مولۇق سۈرئەت بىلەن ئەنزىخې مۇھاپىزەت رايونىدىكى كۆچەتزارلىقنى پەرۋىش قىلىشنى تاماملىدى.

    ۋېنچۈەن ناھىيەسى شۈيمو بازىرى يەر تەۋرەشتىن بۇرۇن ئابا ئوبلاستىنىڭ سانائەت مەركىزى ئىدى. قايتا قۇرۇشتا، شۇ جايدىكى پارتكوم، ھۆكۈمەت قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشى ئېغىر كارخانىلارنى كۆچۈرۈپ، چياڭزۇلارنىڭ خاسلىقى گەۋدىلەنگەن «ئېكولوگىيەلىك ساياھەت كىچىك بازىرى» بەرپا قىلدى، بۇ يەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇلغان ماياك» دېگەن نامغا ئېرىشتى.

   بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، سىچۈەن ئۆلكىسى ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چوڭ ئاپەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپلا قالماستىن، يەنە بۈگۈنكى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا ئاساس سالدى.

   ميەنجۇ شەھىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن كېيىنكى كۆچۈرۈلۈش سەۋەبىدىن ئەسلىدىكى مېخانىكىلىق پىششىقلاش كەسپىدە 10 مىليارد يۈەن زىيان تارتقان ئەھۋالدىمۇ، مۇھىتنى بۇلغايدىغان فوسفور رۇدىسى قېزىشتىن قەتئىي چېكىنىپ چىقىپ، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى، مەدەنىيەت ساياھىتىدىكى يۇغۇرما تەرەققىياتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش يولىدا مېڭىپ، بۇلتۇر 6 مىليون ساياھەتچى (قېتىم) كۈتۈۋالدى، دېھقانلارنىڭ كىرىمى ھەر يىلى ئوتتۇرىچە %12 ئاشتى، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ كىرىم پەرقى 1 : 1.96 غا كىچىكلىدى.

   ئون يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ئاپەتكە ئۇچرىغان شەھەر- يېزىلار، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان تاغ- دەريالار يېڭى تۈسكە كىردى، سىچۈەن، شەنشى، گەنسۇدىكى ئاپەت ئېغىر بولغان 41 ناھىيە(شەھەر، رايون)نىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يەر تەۋرەشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن ئومۇميۈزلۈك ھالقىدى. بىز بۇنىڭدىن جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئىرادىسى، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھى ۋە كۈچىنى ھېس قىلدۇق.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چېڭدۇ، 10-ماي تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى