تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولىمەن

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى مۇقىملىقنى قوغداش ئىشخانىسىدىن رۇسۇل تۇردى


     پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنىڭغا باشتىن- ئاخىر قەتئىي ئىشىنىپ كەلدىمكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى بولمىغان بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى بولمىغان بولاتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، شۇنداقلا مېنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىم ۋە ئىلگىرىلىشىممۇ بولمىغان بولاتتى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترىتىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزدى، بىزنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى. مەن زوراۋان- تېررورچىلارغا، مىللىي بۆلگۈنچىلەرگە ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلارغا ئىنتايىن نەپرەتلىنىمەن.

    مەن خىزمەتتە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا شۇنداق ئېنىق تەشۋىق قىلىمەنكى: «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مىللىي مۇناپىقلار، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتقان ئورتاق دۈشمىنىمىز، بىز چوقۇم «ئۈچ خىل كۈچ»نى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، كادىرلار قوشۇنى ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قېزىپ چىقىپ، ئۇلارغا قارشى دادىل كۈرەش قىلىشىمىز، ھەربىرىمىز دادىللىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇشىمىز كېرەك.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنۇمغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. پارتىيەگە سادىق بولۇشتا، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئاممىغا تەشۋىق قىلىش ۋە ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشتا، خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەشتە ئۈلگە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بارلىقىمنى پارتىيەگە ۋە دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيە ۋە دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە باشلامچى بولۇپ، زەربىدارلىق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ئاۋانگارت بولۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى