تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىلىم يۇرتى

ئادەملەرنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغىنىغا نەچچە مىڭ يىل بولدى

  پەن – تېخنىكا گېزىتى، بېيجىڭ، 5-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. ئەنگلىيە «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا 5-ئاينىڭ 9-كۈنى گېن گۇرۇپپىسى ئىلمىي نەتىجىسىگە ئائىت ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بۇندىن ئىلگىرىكى 1500 يىلدىن 4500 يىلغىچە بولغان مەزگىلدە ياشىغان 137 كىشىنىڭ گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپى دوكلات قىلىنغان، يەنە بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا يۇقىرىقى 137 ئادەمنىڭ گېن گۇرۇپپا تەرتىپى بىلەن بىرونزا دەۋرىدە ياشىغان 167 ئادەمنىڭ گېن گۇرۇپپا تەرتىپى تەھلىل قىلىنغان. ياۋروپادىكى ئالىملار كوللېكتىپى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 25 ئادەمنىڭ بەدىنىدىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى دەلىلىنى بايقىغان، بۇ بايقاش يەنە ياۋروپا-ئاسىيالىقلارنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان تارىخىنىڭ نەچچە مىڭ يىلغا يېتىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

  بىرىنچى تۈرلۈك تەتقىقاتتا دانىيە كوپىنھاگېن داشۆسىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ يايلىقىدا ياشىغان 137 قەدىمكى كىشىنىڭ گېن گۇرۇپپا تەرتىپىنى ئۆلچىگەن، بۇ تەخمىنەن 4000 يىل ئىلگىرىكى مەزگىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇنىڭدىن سىرت، مەزكۇر تەتقىقات كوللېكتىپى بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا، ئالتاي، سىبېرىيە ۋە كاۋكاز قان سىسىتېمىسدىكى 502 ئادەمنىڭ گېن گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتىنى تەتقىق قىلغان. بۇ بايقاشلارنىڭ مەزكۇر رايوندىكى (غەربتە ۋېنگرىيەدىن باشلىنىپ، شەرقتە جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 8000 كىلومېتىر بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۈر توپىنىڭ تارىخىنى شەرھلەشكە ياردىمى بولغان، بۇ، بۇ يەردىكى بىرونزا قوراللار دەۋرىدە ياشىغان ياۋروپا-ئاسىيا قان سىستېمىسىدىكى چارۋىچىلارنىڭ ئاساسلىقى شەرقىي ئاسىيا قان سىستېمىسىدىكى ئاتلىقلارغا تەدرىجىي ئۆتكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  ئىككىنچى ئىلمىي ماقالىدە دانىيە كوپىنھاگېن داشۆسىنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپى ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا قىسىمى ۋە غەربىدە ياشىغان 304 قەدىمكى كىشىنىڭ DNA تەرتىپىنى تەھلىل قىلغان، بۇ كىشىلەر تەخمىنەن بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى 200 يىللاردىن 7000 يىللارغىچە مەزگىلدە ياشىغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 25 ئادەمنىڭ بەدىنىدىن B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى دەلىلىنى بايقىغان، بۇنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 4000 يىلغا يېقىنلىشىدىكەن. ئۇلار HBV گېن گۇرۇپپىسىنىڭ مۇكەممەل ياكى قىسمەن 12 خىل ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن، بۇ ھازىر يوقىلىپ كەتكەن گېن تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، تەتقىقاتچىلار ئۇلارنى ھازىرقى زامان كىشىلىرى ۋە غەيرىي كىشىلەر بولغان پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنىڭ B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى گېن گۇرۇپپىسى بىلەن بىللە قويۇپ تېخىمۇ ئىنچىكلەپ تەھلىل ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە بەزى قەدىمكى B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى گېن گۇرۇپپىسىنىڭ تۇرۇشلۇق رايونى ھازىرقى تارقالغان رايون بىلەن بىردەك ئەمەسلىكى، ھېچ بولمىغاندا ئاز دېگەندىمۇ بىر خىل گېن تىپى نەسلىنىڭ ھازىر قۇرۇپ كەتكەنلىكى بايقالغان.

  يەر شارىدا تەخمىنەن 257 مىليون ئادەم B تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، 2015-يىلى 887 مىڭ ئادەم B تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەن، ئەمما مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ مەنبەسى ۋە ئۆزگىرىشى ئىزچىل ئېنىق بولماي كەلگەن. تېخىمۇ قەدىمىي بولغان ۋىرۇس تەرتىپى بايقالغاندىن كېيىن، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى ۋە دەسلەپكى تارىخىنى تېخىمۇ ئېنىق ئېچىپ بەرگىلى ھەمدە تەبىئەت ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ كېسەللىك بېسىمى ۋە ئۆلۈش نىسبىتىگە بولغان تەسىرىنى چۈشىنىشكە ياردىمى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى