تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئېرىڭىزنى باشقۇرۇشقا ماھىر بولۇڭ

ماتېرىيال سۈرەت

    ئەرلەر باشقۇرۇشقا ماھىر ئايالغا موھتاج بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۆينىڭ تۈۋرۈكى، باشقۇرغۇچىسى، دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئاياللار بۇ خىل باشقۇرۇشنى ئاجىزلاشتۇرۇشى كېرەك. ئەرلەر ئۆزىگە ئەقىل ئۆگىتىدىغان ئاياللارنى ياقتۇرمايدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلار ئاسىيلىق قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ۋە سېھرىي كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولىدۇ، ئەرلەر غالىبلىق تۇيغۇسىغا ھېرىسمەن. شۇڭا ئۇلارغا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆگەتمەستىن، بەلكى مەسىلىنىڭ ئۆزىنى ئېيتىش كېرەك.

   گۈلزار بىلەن بەختىيار ئەينى چاغلاردا خىلى خىلىغا كەلگەن بىر جۈپلەردىن ئىدى. تويدىن كېيىن بەختىيار شىركەت رەھبەرلىرى بىلەن چىقىشالماي خىزمىتىدىن ئىستېپا بەردى. دەسلەپتە ئۇ چۈشكىچە ئۇخلاپ، چۈشتىن كېيىن ئويۇن ئويناپ كۈن ئۆتكۈزدى. گۈلزار بۇ ھالەتنى بەك ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ، دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما بەختىياردا ئۆزگىرىش بولمىدى. بەختىيارنى خىزمەت تېپىشقا دەۋەت قىلغاندا، ئۇ: مەن داڭلىق ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن تۇرسام، ئادەتتىكىدەك ئورۇنلاردا ئىشلىسەم زايا كەتمەمدىم! دېدى.

   بەختىيار ئەركە چوڭ بولغان، نەزەرى ئۈستۈن بولغاچقا قوپال سۆزلەر كارغا كەلمەيتتى. گۈلزار تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ، بەختىيار قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇلدا ئۇنى خىزمەت تېپىشقا ئىلھاملاندۇردى.

   گۈلزار بەختىيار ئاتا-ئانىسىغا دوختۇرخانىغا بىرلىكتە بېرىشىنى ئېيتماقچى بولسا :«ھەممىمىزنىڭ ۋاقتى يوق، سىز بېرىڭ كېلىڭ» دېمەستىن :«ئاپام-داداملار سىزنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، سىز قېينىئاكامدىن بەكرەك ئەستايىدىل ئەمەسمۇ!» دەيدىغان بولدى. دەسلەپتە گۈلزارمۇ بۇنداق دېسە بېئەپ ھېس قىلاتتى، كېيىنچە كۆنۈپلا كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمىنىمۇ كۆردى. يېرىم يىلدىن كېيىن بەختىيار ئاخىرى خىزمەت تاپتى. گۈلزارنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن بەختىيار خىزمەتتىكى بالا مىجەزىنى تاشلىدى، ئىشلىرىمۇ روناق تاپتى.

   ئەرلەر باشقۇرۇشقا ماھىر ئاياللارغا موھتاج بولسىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنى ئائىلىنىڭ باشقۇرغۇچىسى، دەپ ئويلايدۇ. ئۇلار ئائىلىدە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالسا، قانداق قىلىشنى بىلمەي قايمۇقۇپ قالىدۇ، شۇڭا ئاياللار ئائىلىدە ھەممىنى كونترول قىلغۇچى بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى