تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كېچىكتۈرىدىغان ۋە ئالدىغا سۈرۈۋېتىدىغان يېمەكلىكلەر

   ئەنگلىيە ئالىملىرى يېقىندا بېلىق ۋە پۇرچاقنى كۆپ ئىستېمال قىلسا كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ كېچىكىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئىنچىكىلەپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرى (گۈرۈچ ۋە ئىتالىيە چۆپى) نى كۆپ ئىستېمال قىلسا كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ ئالدىغا سۈرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان.

   مۇتەخەسسىسلەر 35 ياشتىن 39 ياشقىچە بولغان 35 مىڭ ئايالنىڭ ساغلاملىق سانلىق مەلۇماتىنى ئانالىز قىلغان. سانلىق مەلۇمات ئۇلارنىڭ تەنھەرىكىتىنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگىرىشى ئەگرى سىزىقى، تۇغۇت تارىخى ۋە ھورموننى ئىشلىتىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلار يەنە ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكىنىڭ تۈرى ۋە مىقدارىنى تەكشۈرۈش سوئال قەغىزىنى تولدۇرغان. ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلغان تۆت يىل جەريانىدا، تەجرىبىگە قاتناشقانلاردىن جەمئىي 14 مىڭ ئايال تەبىئىي ھەيز كېسىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن. تەتقىقاتچىلار تەجرىبىگە قاتناشقانلارنىڭ ماتېرىيال ئۇچۇرىنى توپلاپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى بىر كىشىلىك گۈرۈچ، ئىتالىيە چۆپى قاتارلىق ئىنچىكىلەپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى ئارتۇق ئىستېمال قىلسا، كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ 1.5 يىل ئالدىغا سۈرۈلىدىغانلىقىنى؛ ھەر كۈنى بىر كىشىلىك مېيى كۆپ بېلىق ۋە يېڭى پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكىنى ئىستېمال قىلسا، كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ 3~1.5 يىلغىچە كېچىكىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن سىرت، ۋىتامىن B6 ۋە سىنىك ئېلېمېنتىنىڭمۇ كېلىماكتېرىيە دەۋرىنى كەينىگە سۈرۈشكە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    يېڭى بايقاشتا دەلىللىنىشىچە، كېلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى يېمەك-ئىچمەك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددا بولغان پۇرچاق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، قىسمەن ئاكتىپ ئوكسىگېننىڭ تۇخۇمغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى يوقاتقىلى بولىدىكەن. مېيى كۆپ بېلىق گۆشىنىڭ تەركىبىدىكى ω-3 ماي كىسلاتاسىمۇ بەدەننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى ئىقتىدارىنى غىدىقلايدىكەن. ئىنچىكىلەپ ئىشلەنگەن كاربون سۇ بىرىكمىسى ئىنسۇلىنغا بولغان قارشىلىقنى ئاشۇرۇپ، جىنسىي ھورموننىڭ سەۋىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋېتىپ، ھەيز دەۋرىنى قىسقارتىپ، تۇخۇم بىلەن تەمىنلەشنى تېز خورىتىۋېتىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى