تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

تىۋىتلىق ئۆچكە ھەمكارلىق كوپىراتىپى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش قەدىمىنى تېزلەتتى

تىۋىتلىق ئۆچكە ھەمكارلىق كوپىراتىپنىڭ ئۆچكىلىرى.

    ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تۇردى ئەبەيدۇللا، شەن چىلىن خەۋىرى، فوتوسى: خېجىڭ ناھىيەسىنىڭ بالغۇنتاي بازىرى ئۇلاستاي كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن يول كۆرسىتىپ تەشەببۇس قىلىشى بىلەن، كەنتتە «تىۋىتلىق ئۆچكە ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇلغان ئىدى. ھازىرغا قەدەر كوپىراتىپقا ئەزا بولۇپ كىرگەن چارۋىچى ئائىلىسى 33كە، ئۇلار  كوپىراتىپقا قوشقان تىۋىتلىق ئۆچكە سانى 6000غا يېتىپ، بۇ يىل ئەتىيازدا تۆللەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى %98 بولغان.

   كوپىراتىپقا ئەزا بولغان نامرات چارۋىچى سەيۋۇجاپ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: كوپىراتىپقا كىرىشتىن ئاۋۋال ھەر كىلوگرام تىۋىتنى 10 يۈەندىن تەستە ساتاتتۇق، كوپىراتىپقا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان، تىۋىتلارنى سېتىپ چىقىرىشتىن غەم يېمەيدىغان بولدۇق. مەن ھازىر كوپىراتىپنىڭ 300 تۇياق ئۆچكىسىنى بېقىپ، ئايدا 2700 يۈەن مۇقىم مائاش ئېلىۋاتىمەن. كەنتتە ماڭا ئوخشاش ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات چارۋىچىدىن يەنە ئۈچ ئائىلە بار، ئۇلارمۇ كوپىراتىپنىڭ ئىككى، ئۈچ يۈز تۇياق ئۆچكىلىرىنى بېقىپ، ئايدا ئىككى، ئۈچ مىڭ يۈەن مائاش ئېلىپ، تۇرمۇشى خېلى ھاللىنىپ قالدى. كەنتىمىزدە تىۋىتلىق ئۆچكە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلۇپ كۈنىمىز ياخشىلاندى. ئەمدى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدىغان بولدۇق.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى