تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ سېتىۋالغاندا ۋە ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ (1)

   تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھاۋا سۈپىتىنىڭ تۇرمۇشىمىزغا قانچىلىك مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر تونۇپ يەتمەكتە. ئائىلىدىمۇ ساپ ھاۋادىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، ئاز بولمىغان كىشىلەر ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ سېتىۋالدى. ئەمما، بازاردا سېتىلىۋاتقان ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنىڭ تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشى، نۇرغۇن ئىستېمالچىلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان بولۇشى مۇمكىن. تۆۋەندە قايسى خىل ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى سېتىۋالسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەمدە ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ئىشلەتكەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىمىز.

   بىرىنچى: ئىشلىتىش مۇددىئاسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، PM2.5 (ئۇششاق دانچە) گە قارىتا ساپلاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنى تاللاپ سېتىۋېلىش كېرەك.

   ئىككىنچى: دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئىگە ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنىڭ ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى «ئۈچ يۇقىرى، بىر تۆۋەن» بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. يەنى:

   يۇقىرى دەرىجىلىك پاكىز ھاۋا مىقدارى: پاكىز ھاۋا مىقدارى (CADR) ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنىڭ ساپلاشتۇرۇش ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى بولۇپ، CADR نىڭ قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنىڭ ساپلاشتۇرۇش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك، ھاۋانى ساپلاشتۇرۇش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.

   يۇقىرى دەرىجىلىك ئومۇمىي ساپلاشتۇرۇش مىقدارى: ئومۇمىي ساپلاشتۇرۇش مىقدارى (CCM) نىڭ قىممىتى قانچە يۇقىرى بولسا، ساپلاشتۇرغان بۇلغىما ماددا شۇنچە كۆپ، سۈزگۈچ تورىنىڭ ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدۇ.

   يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈم قىممىتى: ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنىڭ سەۋىيەسى قانچە يۇقىرى بولسا، توكنى شۇنچە تېجەيدۇ.

   تۆۋەن شاۋقۇن مىقدارى: ئۈسكۈنىنىڭ مەشغۇلات قىلغاندا چىقارغان شاۋقۇنى ئادەتتە 50 دېتسىبېل (ئاۋاز بىرلىكى) دىن تۆۋەن بولسا بىر قەدەر جىمجىت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، سېتىۋالغاندا ئەۋرىشكە نۇسخىسىنى سىناپ بىۋاسىتە ھېس قىلىپ باقسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى