تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

  جىڭ ناھىيەسى تولى بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى نى.جاپ

  ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتىدۇ، بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىۋاتىدۇ. شىنجاڭدا تەرەققىياتنىڭ تېز، ئۆزگىرىشنىڭ زور بولۇۋاتقانلىقى ھەر مىللەت ئاممىغا ئايان، مۇشۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاپ، ئۆزگىرىشلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن پارتىيەنىڭ ئۇلۇغلۇقى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى چىن قەلبىمدىن چوڭقۇر ھېس قىلدىم.

  پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن دىققەت ۋە كۈچنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ ئۈلگە بولىمەن.

  پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. قەتئىي ھالدا پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بارلىق سۆز – ھەرىكىتىمدە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمگە سادىق بولۇپ، باشتىن – ئاخىر سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەي، سىياسىي مەيداندىن تەۋرەنمەي، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىشماي، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. ھەر ۋاقىت غايە – ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرىمەن؛ تۈرلۈك خىزمەتلەردە باشتىن – ئاخىر باش نىشاننى چۆرىدەپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  سىياسىي ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تۆھپە قوشىمەن. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مەيدانى قەتئىي بولۇش، بايرىقى روشەن بولۇش، پوزىتسىيەسى كەسكىن بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتا پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى قەتئىي ئاڭلاپ، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، بۇرچقا ئاڭلىق سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن.

  خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ھەر ۋاقىت يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ساقلاپ، كاللامنى سەگەك تۇتىمەن ۋە سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان سىياسىي ئىرادەمنى ساقلايمەن؛ ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش›› تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق پەيتتە تونۇشتا مۈجمەل بولماسلىق، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماسلىق، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرىمەن؛ ئىشنى قەتئىي ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ نەمۇنىچىلىرىدىن بولىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى