تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شىرزات نۇراخۇن

    شىنجاڭ ۋەتىنىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇ مۇنبەت زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق تومۇرداش، تەقدىرداش. ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدا ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› شىنجاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە يۈكسىلىشىنى، ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى كۆرۈشنى خالىماي، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ خاتىرجەم ياشايدىغان بەختلىك تۇرمۇشىنى كۆرۈشنى خالىماي، ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئۈزلۈكسىز سىڭىپ كىرىپ، بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزدى، شىنجاڭنى ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر تېخىمۇ چوڭقۇر يوشۇرۇنغان، تېخىمۇ خەتەرلىك، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز – بۇرۇن يالاشتى، ئۇلار ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەشتە مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق. مەن چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاش قىلىش، تەنقىد قىلىشنى ئۆگىنىشىم، خىزمىتىم، تۇرمۇشۇمغا سىڭدۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، تەشەببۇسكار، ياراملىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئىدارىدە، ئۆيدە، تۇغقانلار، دوست – بۇرادەرلەر ۋە قوشنىلار ئارىسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى بىرلىكتە ياخشى قوغداشقا يېتەكلەيمەن.

   پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى ۋە تەربىيەلىشى ئارقىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇستەھكەم سىياسىي مەيدان ۋە پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشتەك سىياسىي خىسلەتنى ئۆزۈمگە قويۇلغان بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، قەتئىي ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيەدە يادرونى تونۇپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنۇپ، ھەرىكەتتە يادروغا ئەگىشىپ، يادرونى قەتئىي قوغداپ، يادرونى چىن قەلبىمدىن ھىمايە قىلىپ، يادروغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. بولۇپمۇ شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئىدىيەنى قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى قەتئىي بىردەك قىلىپ، تەدبىردە قەتئىي كۈچەپ، ھەرىكەتتە قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتاكىغا ئۆتۈپ، تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك، ئۇلارغا ھەرگىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بوشلۇق ۋە تۇپراق قالدۇرمايمەن، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى