تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار (2)

    ئۈچىنچى: كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ئانىلىق ھورمون سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ، قاندىكى ماينى تەڭشەش رولى ئاجىزلايدۇ ھەمدە قاندىكى ماي ئېشىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئادەتتە ئوزۇقلانغاندا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ماينى قاتتىق تىزگىنلەش ھەمدە ماينى تىزگىنلەش ئاساسىدا تەركىبىدە ω-3 تويۇنمىغان ماي كىسلاتاسى بولغان ئۆسۈملۈك مېيىنى كۆپرەك تاللاپ ئىستېمال قىلىش كېرەك.

   تۆتىنچى: كېلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغان ئاياللار يېتەرلىك ۋىتامىن تولۇقلاش ئارقىلىق، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى كېسەللىكلەرنى يىنىكلىتىشكە ۋە قېرىشنى كېچىكتۈرۈشكە موھتاج. بۇنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن D تولۇقلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چۈنكى ۋىتامىن D كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

    بەشىنچى: كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار، مېكرو ئېلېمېنتلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بولۇپمۇ كالتسىينىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. چۈنكى كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللارنىڭ تېنىدىكى ھورموننىڭ سەۋىيەسى ۋە كالتسىينىڭ مىقدارى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېمەكلىك جەھەتتە، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار تەركىبىدە كالتسىي مول بولغان سۈت، قېتىق، پۇرچاقتىن ياسالغان يېمەكلىك قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

   ئالتىنچى: غىدىقلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە يېمەكلىكلەر كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئالاھىدە فىزىئولوگىيەلىك ھادىسىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار سۇيۇق-سەلەڭ يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يەپ بېرىشى كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھاراق ئىچمەسلىكى، تاماكا چەكمەسلىكى، قېنىق قەھۋەنى ئاز ئىچىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى