تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   خانىم-قىزلار

كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار (1)

    كېلىماكتېرىيە دەۋرى (ھەيز كېسىلىش دەۋرى) ئاياللار تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھالىتىدىن تەدرىجىي چېكىنىش، ھەتتا پۈتۈنلەي يوقىلىشىدىكى بىر ئۆتكۈنچى مەزگىل. خەلقئارادا بىر قەدەر بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەم: كېلىماكتېرىيە دەۋرى رەسمىي ھەيز كېسىلىشتىن 10 يىل ئىلگىرى باشلىنىپ، ھەيز كېسىلىپ 10 يىلغىچە، جەمئىي 20 يىل داۋاملىشىدۇ. نۆۋەتتە ئېلىمىز ئاياللىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ھەيز كېسىلىش يېشى 49 ياش بولغاچقا، دۆلىتىمىز ئاياللىرىنىڭ كېلىماكتېرىيە دەۋرى 40 ياشتىن 60 ياشقىچە ئىكەن.

   ھەمىمىزگە مەلۇم، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللاردا بىر تۈرلۈك فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسىخىكا ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر، يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلغاندا كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار ئوزۇقلىنىش جەھەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە:

   بىرىنچى: كېلىماكتېرىيە دەۋرى ئاياللارنىڭ ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدىن تەدرىجىي قېرىلىق مەزگىلىگە كىرىشىدىكى بىر ئۆتكۈنچى مەزگىل بولۇپ، ئاياللار ئورگانىزىمىدىكى ھەر تۈرلۈك ئىقتىدارلار ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ، بۇنىڭغا يەنە ھەرىكەتنىڭ ئازلىشى قوشۇلۇپ ئاساسىي مېتابولىزم ھەرىكىتى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن كېلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان بەدەن سەمرىپ كېتىش مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كېلىماكتېرىيە دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان ئاياللار ئېنېرگىيەنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى تىزگىنلەپ، سەمرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

    ئىككىنچى: كېلىماكتېرىيە دەۋرىدە تۇخۇمداننىڭ ئىقتىدارى چېكىنىپ، بەدەندىكى ھورمون تۆۋەنلەيدۇ، بەزى ئەزالارنىڭ ئىقتىدارىمۇ بۇنىڭغا ئەگىشىپ چېكىنىدۇ. تۇخۇمدان ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىشىنى كەينىگە سۈرۈش ھەمدە تۇخۇمدان ئىقتىدارىنى ساقلاش ئۈچۈن، كېلماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئاياللار ئاقسىلنىڭ مۇۋاپىق مىقداردا سۈمۈرۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاقسىلنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى تولۇق نامايەن قىلدۇرۇپ، يېمەكلىك ئاقسىلىنىڭ پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يېمەكلىكنى تەڭشەپ، ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلغاندا تۆۋەندىكى ئىككى پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىشى كېرەك:

    1) يېمەكلىكلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك تۈرى قانچە يىراق بولسا شۇنچە ياخشى، ھايۋانات مەنبەلىك يېمەكلىكلەرگە ئۆسۈملۈك مەنبەلىك يېمەكلىكنى ماسلاشتۇرسا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

    2) ماسلاشتۇرۇپ ئىستېمال قىلىدىغان يېمەكلىكنىڭ تۈرى قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى، ھەر كۈنلۈك يېمەكلىك تۈرىنىڭ 12 خىلدىن كۆپ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى