تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىلارنىڭ بىر قېتىملىق ئۆگىنىش ۋاقتى قانچىلىك بولۇشى كېرەك؟

 

    مەكتەپلەردە بىرلىككە كەلگەن دەرس ئۆتۈش ۋاقتى ۋە دەرس ئارىلىقىدا تەنەپپۇس ۋاقىتلىرى بولىدۇ. بىر ئادەم ئۆيدە ئۆگىنىش قىلغاندا، كۆپ ھاللاردا دەم ئېلىشقا ئېتىبار بەرمەيدۇ. ھەر بىر بالىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە ئادىتى بولىدۇ. بۇنىڭدا ئەڭ ياخشىسى ھەر كىم ئۆز بالىسىنىڭ كونكرېت ئەھۋالىنى كۆزىتىپ بېقىش كېرەك. 

     ئادەتتە بالىلار تەخمىنەن 40-30 مىنۇت ئۆگىنىش قىلغاندىن كېيىن 15-10 مىنۇت ئارام ئالسا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەمما، مۇنداقمۇ ئەھۋاللار باركى، بەزى بالىلار مۇزاكىرىنىڭ دەسلىپىدە ئانچە كۈچىمەي، 40-30 مىنۇتلاردىن كېيىن ھەۋىسى قوزغىلىپ قىزىپ كېتىدۇ. بۇنداق بالىلارغا 40-30 مىنۇت ئۆگىنىش قىلغاندا بىر قېتىم دەم ئېلىش مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. يەنە بەزى بالىلار چىدامسىز كېلىدۇ. يېرىم سائەت ئۆگىنىش قىلسىلا چارچاپ، ئىچى پۇشۇپ ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرالماي قالىدۇ. بۇنداق بالىلار ياخشىسى ھەر 25 مىنۇتتا 10 مىنۇت ئارام ئېلىپ، ئاندىن يەنە ئۆگىنىش قىلىشى كېرەك.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئەستە قالدۇرۇش نۇقتىسىدىن ئالغاندىمۇ، ئۇزاق مۇددەت ئۈزۈلدۈرمەي، زورۇقۇپ ئەستە قالدۇرۇشتىن كۆرە،  بىردەم ئارام ئېلىپ، ئاندىن قايتا تەكرارلانسا، ئەستە قالدۇرۇش ئۈنۈمى ئالدىنقىسىدىن ياخشى بولىدۇ.

«بالىلار ساغلاملىق دەستۇرى » ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى