تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، تەشۋىقاتچىسى، يېتەكچىسى بولىمەن

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاۋكەت تۇردى

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولىمەن. مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشەنچىمنى چىڭىتىپ، پوزىتسىيەمنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ھوشيارلىقىمنى ئۆستۈرۈپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

  سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەيمەن. ‹‹تۆت ئاڭ››نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن – ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن. ھەرقانداق ۋاقىتتا، ھەرقانداق ئەھۋالدا سىياسىي مەيداندىن تەۋرەنمەي، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئېغىشماي، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، سادىق بولۇپ، تۆھپە قوشۇپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايمەن، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن. مۇقىملىقنى قوغداشنى تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر، ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، زىممەمگە ئېلىپ، چىڭ تۇتۇپ، ھالقىلىق پەيتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىمەن، ئاتاكىغا ئۆتىمەن، جەڭدە غەلىبە قىلىمەن.

  بايرىقىم روشەن ھالدا دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن. باتۇرلۇق بىلەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، دادىللىق بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا ماڭىمەن. كادىرلار، ئاممىنى دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈشكە پائال يېتەكلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پىرىنسىپال مەسىلىدە، باشتىن – ئاخىر بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، تونۇشۇمنى بىردەك، تىلىم بىلەن دىلىمنى بىردەك قىلىپ، ئەۋزەللىكىم ۋە باشلامچىلىق رولۇمنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىمەن. پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خىسلىتىنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوبرازىنى باشتىن – ئاخىر قوغداپ، پارتىيەگە باشتىن – ئاخىر مۇتلەق سادىق بولۇپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، نام – مەنپەئەتكە بېرىلمەي، ھالقىلىق پەيتتە ئىشەنچنى يەردە قويماي، دادىللىق بىلەن قاتتىق زەربە بېرىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ باشلامچىسى بولىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلاشقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتتىن ئەڭ قورقىدۇ. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق، ئىناق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيەتكە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز. ئۆگىنىش، خىزمەت، تۇرمۇشتا ئۆزۈمدىن باشلاپ، ئەتراپىمدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ھەربىر سۆز – ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، تەشۋىقاتچىسى ۋە يېتەكچىسى بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگىلىك رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرىمەن.

  يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك. مەن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي پاكىز تازىلىساقلا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى