تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن

  كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يوپۇغا ناھىيەلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى زۇنۇن پاشاغولام

  مەن يوپۇغا ناھىيەسىدىكى خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. پارتىيە خۇددى ئانىمىزدەك بىزگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ، بىزگە ئىللىقلىق، ئۈمىد، ئىشەنچ ئاتا قىلدى، بىزنى ساغلام، غەمسىز ئۆسۈپ يېتىلدۈردى. پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشىدە 2014 – يىلى شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولدۇم، پارتىيە بايرىقى ئالدىدا قەسەم بەرگىنىمدە ئىنتايىن ھاياجانلاندىم ھەم پەخىرلەندىم. يېنىمدا تۇرغان ماڭا ئوخشاش يولداشلارنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدە ئىرادە تىكلىدىم، مەنمۇ خۇددى سانسىزلىغان ئىنقىلابىي ئەجدادلارغا ئوخشاش جان – دىلىم بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، پارتىيە تاپشۇرغان بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى پۇختا، ياخشى ئورۇندايمەن، پارتىيەگە ھەرگىز ئاسىيلىق قىلمايمەن، پارتىيەگە، ۋەتەنگە، خەلققە مەڭگۈ ئاسىيلىق قىلمايمەن، مەڭگۈ سادىق بولىمەن.

  شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى. پارتىيەنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما دۆلەتنىڭ ھەرخىل ئېتىبار سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇپ، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتى. ئەمما، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر سەپسەتە تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلوسى سادىر قىلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايمىز! مەن مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى كۈچەپ پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارنى ئۈزۈل – كېسىل يوقاتقاندىلا، يۇرت – ماكانىمىز ئىناق، خاتىرجەم بولىدۇ، ھەر مىللەت ئامما بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن دۆلەت ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمەن، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان باتۇرلۇق بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىمەن. ھەرقانداق بۆلگۈنچىلىك ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارشى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارغا رەددىيە بېرىمەن، قارشى تۇرىمەن ھەم ئۇلارنى پاش قىلىمەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، پوزىتسىيەدە ھەرگىز مۈجمەل بولمايمەن، ئۇلارغا ھەرگىز يان باسمايمەن. ھەر مىللەت ياشلارنى دۆلەت ئورتاق تىل – يېزىقى ۋە پەن – مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىشكە، قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىشكە، زامانغا لايىق مەدەنىي تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قەدىرلەشكە، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ چىرىتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشقا پائال يېتەكلەيمەن.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسى خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئەمەلىيىتىمگە بىرلەشتۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىمەن.

  مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى: كېيىنكى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئۆزۈمنىڭ پارتىيە ئەزاسى ئىكەنلىكىمنى ھەر ۋاقىت ئېسىمدە چىڭ ساقلاپ، ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىق – تەربىيەنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، چەتتە قاراپ تۇرغۇچى، سۈكۈت قىلىپ تۇرغۇچى بولمايمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى