تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىش تىپىك دېلو مىسالىدىن 11نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى

  ئۆز خەۋىرىمىز. يېقىندا، شىنجاڭ ئالاقە تورى ئۇچۇرى ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى پاش قىلىش يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، 13- تۈركۈمدە توردا قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقىتىشتەك تىپىك دېلو مىسالىدىن 11نى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئاشكارىلىدى. تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، دېلوغا چېتىشلىقلار ئالاقە تورى قاتارلىق سۇپىلاردىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە- ئىغۋا، يالغان ئۇچۇر قاتارلىق مەزمۇنلارغا چېتىلىدىغان يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تەرغىب قىلىپ، ساقلاپ، تارقىتىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش قانۇنى»، «ئالاقە تورى ئۇچۇرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش چارىسى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن- نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئالاقىدار كىشىلەرنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.

   1-دېلو مىسالى : قاراماي شەھىرىدىكى ئاx نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئەر، ئۇيغۇر، 46 ياش، قاراماي شەھىرىدىن)نىڭ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئاxگە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   2-دېلو مىسالى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى كۇxنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش، تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى، تورداشلار كۇx (ئەر، ئۇيغۇر، 21 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ناھىيەسىدىن)نىڭ يانفونىغا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت نۇرغۇن ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقى ۋە ئۇلارنى ئالاقە تورى ئارقىلىق تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق،، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى  قانۇن بويىچە كۇxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   3-دېلو مىسالى: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى چېنxنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىنلارنى ساقلاش دېلوسى

   2018 -يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تورداشلار چېنx(ئەر، خەنزۇ، 30 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: خۇبېي ئۆلكىسى)نىڭ يانفونىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىننى ساقلىغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە چېنxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   4-دېلو مىسالى: سانجى ئوبلاستىدىكى تورئەھلى گاۋxنىڭ يانفونىدا زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىن ساقلاش دېلوسى

   2018-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، تورداشلار گاۋx(ئەر، خەنزۇ، 41 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: ئەنخۇي ئۆلكىسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئۈن-سىننى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە گاۋ xكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   5-دېلو مىسالى: قەشقەر ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى مېيxنىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى چۈشۈرۈش، تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، تورداشلار مېيx(ئايال، ئۇيغۇر، 25 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسىدىن)نىڭ زوراۋانلىق-تېررورلۇققا ئائىت ئېلېكتىرونلۇق كىتابلارنى كۆپ قېتىم چۈشۈرۈپ، تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە  مېيxكە جىنايى ئىشلار  بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   6-دېلو مىسالى : ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ئاxنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك بۇيۇملىرىنى تارقىتىش، تەرغىب قىلىش دېلوسى

   2018-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى، تورداشلار ئاx(ئەر، ئۇيغۇر، 24 ياش، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدارىدىكى دوستلار چەمبىرىكىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىدىغان نۇرغۇن يازما، سۈرەتلىك ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە ئاxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   7-دېلو مىسالى: خوتەن ۋىلايىتىدىكى تور ئەھلى ۋېيxنىڭ پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، تورداشلار ۋېيx (ئەر، خەنزۇ، 25 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي: گەنسۇ ئۆلكىسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق «خوتەندە توپىلاڭ كۆتۈرۈلدى،  شەھەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزۈلدى» دېگەن پىتنە-ئېغۋانى تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە  ۋېيxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   8-دېلو مىسالى: بايىنغۇلىن ئوبلاستىدىكى تور ئەھلى ليۇxنىڭ سىياسىي ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، تورداشلار ليۇx (ئايال، خەنزۇ، 45 ياش، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا سىياسىي ئېغۋا تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى  قانۇن بويىچە ليۇxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   9-دېلو مىسالى: شىخەنزىدىكى تور ئەھلى فەنxنىڭ قانۇنسىز ئەرزىيەتكە قۇتراتقۇلۇق قىلىش دېلوسى

   2018-يىل 4-ئاينىڭ 17-كۈنى، تورداشلار فەنx(ئەر، خەنزۇ، 32 ياش، شىخەنزە شەھىرىدىن)نىڭ ئۈندىدار توپىدا باشقىلارنى كۆپ قېتىم قانۇنسىز ئەرزىيەتكە قۇتراتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە فەنxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   10-دېلو مىسالى: ئاقسۇدىكى تور ئەھلى زوxنىڭ قورقۇتۇش خاراكتېرىدىكى گەپ-سۆزلەرنى يوللاش دېلوسى

   2018-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، تورداشلار زوx(ئەر، خەنزۇ، 31 ياش، نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي:شىنجاڭ خېجىڭ ناھىيەسى)نىڭ ئالاقە تورى ئارقىلىق قورقۇتۇش خاراكتېرلىك گەپ-سۆزلەرنى يوللاپ، باشقىلارنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بويىچە زوxكە جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇش جازاسى بەردى.

   11-دېلو مىسالى: قەشقەردىكى تۇx قاتارلىق بەش كىشىنىڭ مەخپىيەتلىككە چېتىلىدىغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىش دېلوسى

   2018-يىل 4-ئاينىڭ 8-كۈنى، تورداشلار تۇx(ئەر، ئۇيغۇر، 48 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىن)، شۈx(ئەر، خەنزۇ، 25 ياش، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىدىن)، گۇx(ئايال، ئۇيغۇر، 26 ياش، قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدىن) قاتارلىق بەش كىشىنىڭ ئۈندىدار توپىدا مەخپىي خىزمەت ھۆججىتىنى تارقاتقانلىقىنى پاش قىلغان. تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئالاقىدار ئورۇنلار تۇx قاتارلىقلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي گۇناھ يېزىش قاتارلىق مەمۇرىي جازا بەردى.

   جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تور بوشلۇقى قانۇن سىرتىدىكى جاي ئەمەس. ئالاقە تورى ئارقىلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇققا، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە، دىنىي ئەسەبىيلىككە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تەرغىب قىلغان، ساقلىغان، تارقاتقانلار؛ پارتلاتقۇچ ئۈسكۈنىلەر، قورال- ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنىڭ ياسىلىشى، ئىشلىتىلىشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆگەتكەن، ياسىغانلار، شۇنىڭدەك ساختا ئۇچۇر، باشقىلارغا ھاقارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش، پاكىتنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇندىكى يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلارنى تارقاتقۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن- بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك يازما، سۈرەت، ئۈن- سىنلار بولسا ئۆزلۈكىدىن دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىش، يوقىتىش كېرەك، ئەگەر شەخس يوقىتىشقا ئامال قىلالمىسا، يەرلىكتىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئالاقىدار قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، مەدەنىي تورغا چىقىپ، قانۇن بويىچە تورغا چىقىپ، ساغلام، تەرتىپلىك ئالاقە تورى مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

   تورداشلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن توردىكى قانۇن- بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. پاش قىلىپ خىزمەت كۆرسەتكەنلەر ۋاقتىدا مۇكاپاتلىنىدۇ.

پاش قىلىش ئۇسۇلى:

تور ئادېرىسى : www.xjwljb.com

تېلېفون نومۇرى : 2384777-0991

ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى : xjwljb@xjts.cn

بىلوگ: شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ئۈندىدار ئاممىۋى نومۇرى : شىنجاڭ توردا پاش قىلىش

ساقچىغا مەلۇم قىلىش، پاش قىلىش تېلېفونى: 110

ئۇچۇر ئارقىلىق ساقچىغا مەلۇم قىلىش نومۇرى: 12110

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى