تەڭرىتاغ تورى   ›   قانۇن   ›   دېلو تەھلىلى

سۇغۇرتىلاتقۇچە كېسەللىك تارىخىنى يوشۇرغان بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرەمدۇ؟

  ياڭ شۇخەن

  ”دېلو مىسالى“

  2015 – يىلى 6 – ئاينىڭ 28 – كۈنى ۋاڭ X 11 ياشلىق قىزى لىن لىننى سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ‹‹مەلۇم ئۆمۈر سۇغۇرتىسى››غا سۇغۇرتىلاتقان. 2016 – يىلى 8 – ئايدا لىن لىننىڭ يۇقىرى نەپەس يولى يۇقۇملىنىپ، مېڭىسىگە سۇ چۈشۈپ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقان ھەم ئوپېراتسىيەگە چۈشكەن. 2016 – يىلى 9 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، ۋاڭ X سۇغۇرتا شىركىتىدىن تۆلەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىپ، قىزىنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلىدىكى داۋالىنىش پۇلى، شۇنداقلا داۋالىنىش تولۇقلىما پۇلى بولۇپ 37مىڭ 706.26 يۈەننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سۇغۇرتا شىركىتى ‹‹سۇغۇرتىلاتقۇچى سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ سۇغۇرتىلاشتىن ئىلگىرىكى كېسەللىك تارىخىنى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان›› دېگەننى سەۋەب قىلىپ، سۇغۇرتا توختامىنى بىكار قىلىش ھەمدە سۇغۇرتا پۇلىنى قايتۇرماسلىقنى قارار قىلىپ، ۋاڭ Xكە تۆلەم بېرىشنى رەت قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزگەن. ۋاڭ X سۇغۇرتا شىركىتى ئۈستىدىن كورلا تۆمۈريول تىرانسپورت خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، سۇغۇرتا پۇلىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان.

  سوت كوللېگىيەسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، 2006 – يىلىنىڭ بېشىدا، يېرىم ياشلىق لىن لىن ئېھتىياتسىزلىقتىن توكسىكلىتتىن يىقىلىپ چۈشۈپ، باش سۆڭىكى زەخىملىنىپ، مېڭىسىگە سۇ چۈشۈپ ئوپېراتسىيە قىلىنغان؛ كېيىن لىن لىندا يەنە بېشى قاتتىق ئاغرىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەچكە، 2007 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ دوختۇرخانىدا نەچچە قېتىم يېتىپ، مۇناسىۋەتلىك ئوپېراتسىيەگە چۈشكەن.

  2015 – يىلى ۋاڭ X لىن لىنغا جىسمانىي سۇغۇرتا سېتىۋالغاندا، ‹‹جىسمانىي سۇغۇرتىلىتىش كېلىشىمى››دىكى سۇغۇرتىلانغۇچى لىن لىننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دائىر ئىشلار سورىلىپ، سۇغۇرتىلانغۇچى ‹‹ھازىر ياكى ئىلگىرى مېڭە، نېرۋا سىستېمىسى ياكى روھىي جەھەتتىن كېسەل، مەسىلەن: تۇتقاقلىق، مېڭە پەردە ياللۇغى، مېڭە سەكتىسى، مېڭە ئوپېراتسىيەسى تارىخى، قورساق ئوپېراتسىيەسى تارىخى قاتارلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغانمۇ›› دېگەن سوئالغا ‹‹ياق›› دەپ جاۋاب بېرىپ، قىزى لىن لىننىڭ كېسەللىك تارىخىنى يوشۇرغان. ئارقىدىن تەرەپلەر سۇغۇرتا توختامى ئىمزالاپ، ۋاڭ X قەرەلىدە سۇغۇرتا پۇلىنى تاپشۇرغان.

  ”چۈشەندۈرۈش“

  ‹‹سۇغۇرتا قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سۇغۇرتىلاتقۇچى ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي، سۇغۇرتا ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتا توختامى بىكار قىلىنىشتىن بۇرۇن يۈز بەرگەن سۇغۇرتا ھادىسىسىدە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەش ياكى بېرىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. كورلا تۆمۈريول تىرانسپورت خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باش سوتچىسى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ۋاڭ X سۇغۇرتا توختامىنى ئىمزالىغىچە، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ئىلگىرى باش سۆڭەك سىرتقى قىسمىنىڭ زەخىملىنىپ، مېڭىسىگە سۇ چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغانلىقىدەك پاكىتنى قەستەن يوشۇرۇپ، ئەينەن ئېيتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان. شۇڭا سوت مەھكىمىسى ۋاڭ Xنىڭ ئەرز ئىلتىماسىنى رەت قىلدى، ۋاڭ X نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

  ئىككىنچى سوتتا قاراپ چىققاندا، ۋاڭ X ئۆزىنىڭ سۇغۇرتا سېتىۋالغاندا، سۇغۇرتا شىركىتىگە قىزىنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ئەينەن ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى، سۇغۇرتا شىركىتىدىكى خادىملارنىڭ تەكشۈرۈشكە سەل قارىغانلىقىنى، شۇنداقلا سۇغۇرتا ساتقۇچى خادىمنىڭ تۆلەمنى رەت قىلىش ماددىلىرىنىڭ كونكرېت مەزمۇنىنى ئۇقتۇرمىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن سوتنى بۇ توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىيەلمىدى. ئىككىنچى سوتنىڭ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق، تەرەپلەرنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى 8000 يۈەن سۇغۇرتا پۇلىنى ۋاڭ Xكە قايتۇردى.

  ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: سۇغۇرتىلاتقۇچى مۇناسىۋەتلىك سۇغۇرتىنى سېتىۋېلىشتىن ئىلگىرى سۇغۇرتا شىركىتىگە سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك تارىخىنى ئەينەن ئېيتىپ، تۆلەم تەلەپ قىلغاندا سۇغۇرتا دائىرىسىدىن چىقىپ كەتمەسلىكى كېرەك. سۇغۇرتا شىركىتىمۇ سۇغۇرتا سېتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سۇغۇرتا ساتقۇچى خادىملارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، سېتىشتىن ئىلگىرى سۇغۇرتىلاتقۇچىغا جاۋابكارلىقى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كونكرېت ئەھۋاللارنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، سۇغۇرتىلاتقۇچى، شۇنداقلا سۇغۇرتىلانغۇچىنى تۆلەم ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن تۆلەمگە ئېرىشەلەيدىغان – ئېرىشەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا مۆلچەرگە ئىگە قىلىپ، تەرەپلەرنى بىھۇدە تالاش – تارتىش قىلىشىشتىن ساقلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭنىڭ قىش پەسلىدىن ھۇزۇرلىنىڭ
  • بۇ يىل شىنجاڭنىڭ قىشلىق ساياھىتىدە ئېتىبارلار كۆپ — ئالتايغا ساياھەتكە كېلىڭ!
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى