تەڭرىتاغ تورى   ›   دۇنياغا نەزەر   ›   جاھان يېڭىلىقلىرى

«ھوقۇق ئويۇنى»دىكى ئارتىس دۇنيا بويىچە ئەڭ قاۋۇل ئەر مۇسابىقىسىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشتى

  يەر شارى تورى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 7-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمى «ھوقۇق ئويۇنى» دىكى ئىرېلاندىيەلىك ئارتىس خافسور جۇلىئۇس بىئورنسون يېقىندا «يەر شارى بويىچە ئەڭ قاۋۇل ئەر» مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، پەخىرلەنگىدەك نەتىجە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

  بىئورنسوننىڭ بوي ئېگىزلىكى 6.9 ئېنگلىز چىسى (تەخمىنەن 2.1 مېتىر)، ئېغىرلىقى 200 كىلوگىرام بولۇپ، بەدىنى تولىمۇ قاۋۇل، ئامېرىكا كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھوقۇق ئويۇنى»دا ئۇ ۋېستېروس قۇرۇقلۇقىدىكى يەتتە دۆلەت بويىچە ئەڭ قاۋۇل ئەرنىڭ رولىنى ئالغان، ئەمدى ئۇ رېئال تۇرمۇشتىمۇ «دۇنيا بويىچە ئەڭ قاۋۇل ئەر»گە ئايلاندى.

  بۇ يىلقى «دۇنيا بويىچە ئەڭ قاۋۇل ئەر» مۇسابىقىسى بىئورنسون ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان. ئۇ ئۇدا ئالتە يىل بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمىگەن، بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ، پەخىرلەنگۈدەك نەتىجە بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ماھىرنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : زاھىدە مۇتەللىپ

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى ئېگىز تاغ يايلىقى باش يازنى كۈتۈۋالدى
  • گۈزەل نارات يايلىقى
  • «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى