تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئاچايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا (4)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  نەزەرىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشتا، ماركسىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

    ‹‹بىز ماركسىزم ئارقىلىق دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى چۈشەندۈرۈش، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جانلىق، مول بولغان ھازىرقى زامان جۇڭگو ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ماركسىزمنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك››، ‹‹ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمى، 21 – ئەسىر ماركسىزمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئېچىشىمىز كېرەك››. ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزم نەزەرىيەسىگە بولغان ئىلمىي پوزىتسىيەنى شەرھلەپ، يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە ماركسىزمنى ئۆگىنىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئېنىق يېتەكچىلىككە ئىگە قىلىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىبابلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بەخش ئەتتى.

  ماركسىزم باشتىن – ئاخىر پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب پارتىيەمىزنىڭ باشتىن – ئاخىر ئىدىيە جەھەتتە پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە؛ جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ قەدىمىي چوڭ دۆلەتنىڭ كىشىلىك تارىختا مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىسىنى يارىتالىشى دەل ماركسىزمنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىنى، قۇرۇلۇشىنى، ئىسلاھاتىنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدىن بولدى. ھازىر ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئېغىر، زىددىيەت، خەۋپ – خەتەر، خىرىس كۆپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىناقلار كۆپ، مىسلىسىز بولۇۋاتىدۇ. ئۈستۈنلۈكنى، تەشەببۇسكارلىقنى، كەلگۈسىنى قولغا كەلتۈرىمىز دەيدىكەنمىز، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماركسىزمنى قوللىنىپ ئانالىز قىلىش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق زور خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش، زور خەۋپ – خەتەرنى توسۇش، زور توسالغۇلارنى يېڭىش، چوڭ – چوڭ زىددىيەتلەرنى پەسەيتىش، چوڭ – چوڭ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز، تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر بىلەن كەلگۈسى تەرەققىياتتا دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور مەسىلىلەر ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىپ ۋە ئۇنى ئىگىلەپ، ماركسىزملىق ئېتىقاد ۋە كوممۇنىزملىق غايىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشىمىز كېرەك.

    ئىلمىي نەزەرىيەگە مۇئامىلە قىلىشتا چوقۇم ئىلمىي پوزىتسىيە بولۇشى كېرەك. ‹‹ماركسنىڭ پۈتكۈل دۇنيا قارىشى تېئولوگىيە ئەمەس، بەلكى ئۇسۇلدۇر››. ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر ئېلىمىزنىڭ تارىخى مەدەنىيىتىنى ئاددىيلا داۋاملاشتۇرغان ئانا نۇسخا ئەمەس، ماركسىزم كىلاسسىك يازغۇچىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاددىيلا تەدبىقلانغان قېلىپ ئەمەس، باشقا دۆلەتلەرنىڭ سوتسىيالىزم ئەمەلىيىتىنىڭ تەكرارلانمىسىمۇ ئەمەس، ھەم چەت ئەللەرنىڭ زامانىۋىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىمۇ ئەمەس. سوتسىيالىزمدا بېكىتىلگەن، ئۆزگەرمەس قېلىپ يوق، ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى ئېلىمىزنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى، تارىخى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، دەۋر تەلىپى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز ئىزدەنگەندىلا ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  يېڭى ۋەزىيەتتە ماركسىزمنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق، تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، ماركسىزملىق مەيدان، كۆز قاراش، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، ماركسىزمنىڭ دۇنيانىڭ ماددا خاراكتېرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى، كىشىلىك جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تەبىئىيلىكى، تارىخىيلىقى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار قانۇنىيىتى، كىشىلەرنىڭ ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش قانۇنىيىتى، بىلىشنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، ماركسىزملىق ئەمەلىيەت قارىشى، ئاممىۋى قاراش، سىنىپىي قاراش، تەرەققىيات قارىشى، زىددىيەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى قوللىنىپ، ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ كامالەت تېپىشنىڭ ماھارىتىنى ھەقىقىي ئۆزلەشتۈرۈش، ئىگىلەش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

  ماركسىزم ھەقىقەتنى ئاخىرلاشتۇرمىدى، بەلكى ھەقىقەتكە تۇتىشىدىغان يولنى ئېچىپ بەردى. ماركسىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ماركس، ئېنگېلس ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋر، ئەمەلىيەت، بىلىش تەرەققىياتىغا ئاساسەن ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرغان تارىخ، كىشىلەر تارىخىدىكى بارلىق مۇنەۋۋەر ئىدىيە، مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنى بېيىتقان تارىخ. بىز كىشىلەر ئىجاد قىلغان بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى كەڭ نەزەر بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئىسلاھاتتا توغرا يولدا مېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىمىزدىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىپ، ئۆزىمىزنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىمىزنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرىدىغانلا بولساق، ھازىرقى زامان جۇڭگو ماركسىزمىنىڭ، 21 – ئەسىر ماركسىزمىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى چوقۇم ئۈزلۈكسىز ئېچىپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈپ چىقالايمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.