تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن داليەندە ئۇچراشتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن داليەندە ئۇچراشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن داليەندە ئۇچراشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، داليەن، 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىن 8 – كۈنىگىچە چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن داليەندە ئۇچراشتى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  5 – ئايدىكى داليەن يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. شى جىنپىڭ كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەم كىم جوڭئۇننىڭ شەرىپىگە كەچلىك كۈتۈۋېلىش زىياپىتى بەردى، بىللە سەيلە قىلدى، چۈشلۈك زىياپەتكە قاتناشتى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى سەمىمىي، دوستانە كەيپىياتتا جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، ئارىدىن 40 نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە جۇڭگوغا مەخسۇس كېلىپ مەن بىلەن ئۇچراشقانلىقى يولداش كومىتېت باشلىقى ۋە چاۋشيەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگو – چاۋشيەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى، بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىمەن. يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندىن بۇيان، جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتىدە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن بەكمۇ خۇشالمەن، يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن يەنە ئۇچرىشىپ، جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن.

  كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 3 – ئايدىن بۇيان، چاۋشيەن – جۇڭگو دوستلۇقى ۋە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىدە مول ئەھمىيەتكە ئىگە ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، يولداش باش شۇجى بىلەن بولغان تارىخىي ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئىجابىي نەتىجىسى. ھازىرقى رايون ۋەزىيىتى تېز راۋاجلىنىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، مەن يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ، يولداش باش شۇجى بىلەن كۆرۈشتۈم ھەم ئەھۋاللاردىن خەۋەردار قىلدىم، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەن – جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن بۇ يىل 3 – ئايدا يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇچراشتىم، ئۇزاق ۋاقىت چوڭقۇر پىكىرلىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا تۆت جەھەتتە پىرىنسىپال ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. بىرىنچى، جۇڭگو – چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقى، جۇڭگو – چاۋشيەننىڭ دوستانە، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجېنى، شۇنداقلا بىردىنبىر توغرا تاللىشى. ئىككىنچى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئوخشاشلا سوتسىيالىستىك دۆلەت، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق، ئالاقە، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئىككى پارتىيەنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسى ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېتەكلەشتە باشقىلار ئورنىنى باسالمايدىغان مۇھىم رولغا ئىگە، ئىككى تەرەپ دائىملىق بېرىش – كېلىشنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. تۆتىنچى، ئەلئارا دوستلۇق ئاساسىنى پۇختىلاش جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم يول، كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئالاقىلىشىشى، بېرىش – كېلىشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى ئەلرايى ئاساسى سېلىش كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، تۈرلۈك ئورتاق تونۇش ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدىم. مەن يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن بىللە، ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بىز ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشلارنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، مەزكۇر رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن. شى جىنپىڭ يەنە چاۋشيەندە زور قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، جۇڭگو – چاۋشيەن ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى تالاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، كىم جوڭئۇننىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە سەمىمىي پوزىتسىيە تۇتقانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  كىم جوڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن – جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ يولداشلارچە ئۆزئارا ئىشەنچى ۋە دوستلۇقى چاۋشيەن – جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ چىڭ رىشتىسى ۋە پۇختا ئاساسى بولۇپ كەلدى. مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بۇ ياخشى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۈنۈملۈك ۋە نەتىجىلىك تارىخىي ئۇچراشتىم، بۇنىڭ بىلەن چاۋشيەن – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مىسلىسىز جانلانغان تەرەققىياتىنى كۈتۈۋېلىشكە تۈرتكە بولدۇق. بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشىمىزنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چاۋشيەن – جۇڭگو دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋر تەلىپىگە ماسلىشىپ، تېخىمۇ زىچ بولغان ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

  شى جىنپىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: يولداش كومىتېت باشلىقى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا، بۇ ھەقتە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. يېقىنقى مەزگىلدە، يولداش كومىتېت باشلىقى يېرىم ئارال سۆھبىتىنىڭ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يېرىم ئارال سۆھبىتىنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش يۈزلىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشىنى قوللايدۇ، چاۋشيەن بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىپ، كېڭىشىپ ھەل قىلىشىنى قوللايدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق يېرىم ئارال مەسىلىسىنى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پائال رول ئوينىشىنى خالايدۇ.

  كىم جوڭئۇن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش چاۋشيەننىڭ باشتىن – ئاخىر بىردەك بولغان ئېنىق مەيدانى. ئالاقىدار تەرەپلەر چاۋشيەنگە قاراتقان دۈشمەنلىك سىياسىتى ۋە خەۋپسىزلىك تەھدىتىنى تۈگەتسىلا، چاۋشيەن تەرەپنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ، يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. چاۋشيەن – ئامېرىكا سۆھبىتى ئارقىلىق ئۆزئارا ئىشەنچ تۇرغۇزۇشنى، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باسقۇچلۇق، ماس قەدەملىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئەڭ ئاخىرىدا يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كىم جوڭئۇن شى جىنپىڭنى چاۋشيەننىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى دۆلەت تەرەققىياتى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىدىن خەۋەرلەندۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى 7 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بارلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يادرو سىنىقى ۋە قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان زەمبىرەك ئوقىسىمان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى توختىتىش، شىمالىي قىسىمدىكى يادرو سىنىقى مەيدانىنى تاقاشنى ئېلان قىلغانلىقى يولداش كومىتېت باشلىقىنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ۋە رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. بىز بۇنى ئالقىشلايمىز، چاۋشيەن تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىم نۇقتىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكىگەنلىكىنى، چاۋشيەندىكى يولداشلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا ماڭغانلىقىنى قوللايمىز.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى دىڭ شۆشياڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جيېچى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى، خەلقئارا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رى سۇيوڭ، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن كومىتېت باشلىقى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىم يوڭچول، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى رى يوڭخو، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، تەشۋىقات – سەپەرۋەرلىك بۆلۈمىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى كىم يۇجوڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى