كۆپىنچە ئەرلەر ئاياللارنىڭ ئاغرىنىشىنى ھەم كۈلكىلىك ھەم قىزىقارلىق ھېس قىلىدۇ. تۆۋەندە ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن قانداق ئاغرىنىدىغانلىقىنى بىلىپ باقايلى.
1. تويدىن كېيىن ئاياللار تولا كوتۇلدايدىغان بولۇپ كېتىدۇ.
2.ئاياللار مال سېتىۋالغاندا ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالىدۇ.
3.ئاياللار ھە دېسىلا ئىشلارنى كۆپ ئويلىۋالىدۇ.
4.ئاياللار پۇل خەجلىگەندە ئۆزىنى كونترول قىلالمايدۇ.
5.ئاياللارنىڭ كەيپىياتى بەزىدە بەك تۇراقسىز كېلىدۇ.
6.ئاياللار ھەمىشە ئۆينىڭ رەتلىك، پاكىز بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
7.ئاياللار بەزىدە بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ ناھايىتى ئەخمىقانە قارار چىقىرىدۇ.
8. ئاياللار ياسىنىشقا بەك ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىدۇ.
9.ئاياللار بەزىدە جىنس ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىدۇ. ئەرلەر بۇ ھەقتە ئېنىق ئېغىز ئاچمىسىمۇ، ئەمما ئاياللارنىڭ جىنس سالاھىيىتى تۈپەيلى ئالاھىدە ئېتىباردىن بەھرىمەن بولۇشىدىن بىزار بولىدۇ.
10. ئاياللار بەزىدە ئەرلەرگە بەك قاتتىق تەلەپ قويۇۋالىدۇ.
ئەرلەر ۋە ئاياللار تۇرمۇشتا بەزى سەۋەنلىكلەردىن ساقىت بولالمايدۇ، تۇرمۇشتا كەڭ قورساق بولۇشنى، كۆپرەك قارشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ مەسىلىلەرگە باھا بېرىشنى ئۆگىنىۋالغاندا، ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ۋە زىددىيەت ئاز بولىدۇ. ئېرىڭىز سىزدىن ئاغرىنغاندا ئۆزىڭىزنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ. چۈنكى باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتسىڭىز، قەلب دۇنيايىڭىز تېخىمۇ ئازادىلىككە تولىدۇ.