تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

جۆيلۈۋاتقان كىشىنى ئويغاتسا بولىدىكەن

    كىشىلەر ئارىسىدا ئۇخلاۋېتىپ جۆيلىگۈچىنى ئويغاتماسلىق كېرەك، بولمىسا چۆچۈپ ئۆلۈپ كېتىدۇ، دېگەندەك سۆزلەر تارقىلىپ يۈرگەن. يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسىدە بۇ سۆزنىڭ ئىلمىي ئاساسىنىڭ يوقلۇقى دەلىللەنگەن.

   ئامېرىكا ABC ئاخباراتىنىڭ 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۆيلۈش ھەمىشە كىشىلەر قاتتىق ئۇيقۇغا پېتىپ كۆز ھەرىكىتى تېز بولمىغان مەزگىلدە يۈز بېرىدىكەن، دۇنيادىكى %7 كىشى جۆيلۈپ باققانىكەن، بالىلارنىڭ جۆيلۈش ئېھتىمالىقى چوڭلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىكەن. تەتقىقاتچىلار چوڭ مېڭىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، كۆز ھەرىكىتى تېز بولمىغان مەزگىلنىڭ ئازىيىدىغانلىقىنى قىياس قىلغان. جۆيلۈشنىڭ تۈپ سەۋەبى ئېنىق بولمىسىمۇ، جۆيلۈۋاتقان كىشى بىلەن ئادەتتىكىدەك ئۇخلاۋاتقان كىشىنى ئويغىتىشنىڭ پەرقى يوق ئىكەن. جۆيلۈۋاتقان كىشى ئويغىتىۋېتىلگەندىن كېيىن ھارغىنلىق ھېس قىلىدىكەن، ھەرگىزمۇ چۆچۈپ ئۆلۈپ كەتمەيدىكەن.

                                                                                                                                                                                                                                    «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» دىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى