تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   نەزەرىيە

خەلقنىڭ ئەقىل–پاراسىتىنى قوزغىتىپ، ئېڭىنى ئويغىتىش

  ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە شىنجاڭدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە ماركسىزمنىڭ تارقىلىشى (2)

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پارتىيە تارىخى، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئوقۇتۇش–تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت گېڭ دوۋېن

  ماركسىزمنىڭ تارقىلىشى خەلقنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى قوزغىتىپ، ئېڭىنى ئويغىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىگە يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادىسى ۋە ئىشەنچىنى چىڭىتتى.

  ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نى ياخشى چىقىرىپ، ماركسىزمنى تەشۋىق قىلىش

  1938 – يىلى 1 – ئايدا كومپارتىيە ئەزاسى ۋاڭ شياۋچۈەن(باشقا ئىسمى ۋاڭ شياۋچۈن) بىلەن لى زۇڭلىن(باشقا ئىسمى لى شياۋپىڭ) تەكلىپكە بىنائەن ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، تەھرىرات باشلىقى بولدى، 1942 – يىلى 8 – ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭغا ئەۋەتكەن كادىرلارنىڭ توققۇزى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ شىنجاڭ گېزىتخانىسىدا خىزمەت قىلدى. كوممۇنىستلار شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، گېزىتخانىنى قايتا تەشكىللەپ، مەزمۇندىن تارتىپ تەھرىرلەش – بەت ئورۇنلاشتۇرۇشقىچە تەڭشەپ، ئەسلىدىكى مىلىتارىست – بىيۇروكراتلار كونتروللۇقىدىكى گېزىتنى پۈتۈنلەي يېڭى تۈسكە كىرگۈزدى. ئۇلار ئىنتايىن جاپالىق شارائىتتا، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ھەممە جايدا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نى ياخشى چىقىرىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش، شىنجاڭنى قۇرۇش، ئارقا سەپنى مۇستەھكەملەش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىشتە كۈچلۈك جامائەت پىكرى پەيدا قىلدى. 1939 – يىلى 9 – ئايدا جوۋ ئېنلەي سەپەر ئۈستىدە دىخۇادىن ئۆتكەندە، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››نى ياخشى چىقىرىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ سىياسىتىنى ياخشى تەشۋىق قىلىش، 8 – ئارمىيەنى تەشۋىق قىلىش، گېزىتنى پارتىيەمىزنىڭ شىنجاڭدىكى ئاخبارات بازىسى قىلىش كېرەك.

   ئەينى چاغدىكى گېزىتنىڭ چوڭ بىر ئالاھىدىلىكى ــــ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە ماسلىشىپ، تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۈچەپ قانات يايدۇرۇش ئىدى. ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› باش ماقالە، خەۋەر، شەخسلەرنى زىيارەت، شېئىر، ئەدەبىيات – سەنئەت قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى بەس – بەستە قاتناشقان ئايروپىلان ئىئانە قىلىش، قىشلىق كىيىم – كېچەك يىغىش ھەرىكىتىنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا تەشۋىق قىلدى. ‹‹جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى›› يۈز بەرگەندىن كېيىن، ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى باياناتچىسىنىڭ جەنۇبىي ئەنخۇي ۋەقەسى توغرىسىدىكى سۆھبىتى›› قاتارلىق ماقالىلەرنى ئۇلاپ ئېلان قىلىپ، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كومپارتىيەگە قارشى تۇرۇش، ياپون باسقۇنچىلىرىغا تەسلىم بولۇش ئەپت – بەشىرىسىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلىدى. ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى رەھبەرلىرىدىن ماۋ زېدۇڭ، جوۋ ئېنلەي، جۇ دې قاتارلىقلارنىڭ ماقالىسى ۋە نۇتۇقلىرىنى پات – پات ئېلان قىلىپ تۇردى ھەم ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلار، 8 – ئارمىيە، يېڭى 4 – ئارمىيە توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى تونۇشتۇردى، بۇلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش فاڭجېنىنى جانلىق تەشۋىق قىلىپ، ھەر مىللەت خەلققە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە ھەقىقىي رەھبەرلىك قىلىپ، ياپون ئالۋاستىلىرىغا زەربە بېرىش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتىكى يادرولۇق كۈچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى، ماركسىزمنى يېتەكچى ئىدىيە قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى، ماركسىزمنىڭ ئەڭ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

  1942 – يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، تۆت خىل يېزىق(خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، موڭغۇلچە)تىكى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› نىڭ ھەر سانى 21 مىڭ 563 پارچە تارقىتىلغان، باش ئاگېنتلىقنىڭ خەنزۇچە گېزىتىلا 15 مىڭ 640 پارچە تارقىتىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى 20 ئۆلكىگە 521 پارچە، چەت ئەلدىكى 13 رايونغا 110 پارچە تارقىتىلغان. مەلۇم بىر شياڭگاڭلىق مۇشتەرى ‹‹شىنجاڭ گېزىتى››گە خەت يېزىپ مۇنداق دېگەن: گېزىتىڭلارنىڭ مەيدانى ئېنىق، بايانلىرى ئادىل، ‹‹شىنخۇا گېزىتى››نىڭ ھەمشىرە نەشرى دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ.

  شىنجاڭدا بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ياشلارنى يېتىشتۈرۈش

  كوممۇنىستلار رەھبەرلىكىدىكى مائارىپ ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى شۇكى، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تار دەرسخانا ۋە مەكتەپتىن ئازاد بولۇپ، ئوقۇشنى ۋەتەننىڭ تەقدىرى ۋە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈردى. ئۇلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ھەرىكەتلىرىگە پائال ئاتلىنىپ، قىشلىق كىيىم، پۇل ئىئانە توپلىدى، كوچا – مەھەللىلەرگىچە بېرىپ، ئاممىنى قىشلىق كۇرس ۋە ساۋات چىقىرىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدى. مائارىپ قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىش ئەڭ مۇھىمى ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى يېڭىلاشتا گەۋدىلەندى. شىنجاڭ شۆيۈەنىدىكى ئۆزگىرىش بۇنىڭ جانلىق مىسالى.

  1938 – يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىدىن لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، چى يەنپېي شىنجاڭ شۆيۈەنىنىڭ كاتىپى، قوشۇمچە مائارىپ فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، ياڭ مېيشېڭ(باشقا ئىسمى ياڭ يۇڭشېڭ) ھەربىي مەشقاۋۇل، شۈ لياڭ قوشۇمچە ئوقۇتقۇچى بولدى. كونىچە خۇسۇسىي مەكتەپ ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمىگەن بۇ شۆيۈەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ئىلغار ياشلارنى تەربىيەلەيدىغان ماكانغا ئايلاندى. لىن جىلۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، يەنئەندىكى كادىرلار مەكتىپىنى قۇرۇش تەجرىبىسىگە ئاساسەن ئالدى بىلەن ئوقۇتۇش جەھەتتە ‹‹ئۆگىتىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش››تىن ئىبارەت ئوقۇتۇش فاڭجېنىنى تۈزۈپ چىقىپ، دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىسلاھ قىلدى، ‹‹يېڭى پەلسەپە››، ‹‹سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق››، ‹‹جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخى››، ‹‹دۇنيا ئىنقىلابى تارىخى››، ‹‹دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم››، ‹‹ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشىدىكى تاكتىكا مەسىلىسى›› قاتارلىق ماركسىزملىق دەرسلەرنى ئورۇنلاشتۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئىلغار زاتلارنى مەكتەپكە كېلىپ دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى؛ شىنجاڭ شۆيۈەنىدە ھەر شەنبە كۈنىنى ‹‹ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ دۆلەت قۇرۇش كۈنى›› پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان كۈن قىلىپ بەلگىلىدى، لىن جىلۇ قاتارلىقلار ئوقۇغۇچىلارغا ئىچكى – تاشقى ۋەزىيەتنى ۋە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنىڭ فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈردى، ئوقۇغۇچىلارنى دۆلەت ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرىزلىكتىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە قىزغىنلىق بىلەن ئاتلىنىشقا يېتەكلىدى؛ يەنئەندىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ھەربىي سىياسىي داشۆنىڭ ‹‹ئىتتىپاق، جىددىي، كەسكىن، جانلىق بولۇش›› مەكتەپ تەلىمىدىن پايدىلىنىپ، ‹‹ئىتتىپاق، جىددىي، ئاددىي، جانلىق بولۇش››تىن ئىبارەت مەكتەپ تەلىمىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مەكتەپ ئىستىلى، مەكتەپ ئىنتىزامىنى تەرتىپكە سېلىپ، ‹‹تۇرمۇشنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش›› ۋە ‹‹يېڭى خىزمەت ئىستىلى››نى يېڭى مەكتەپ ئىستىلى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشى قىلدى. يولداش لىن جىلۇ شىنجاڭ شۆيۈەنىگە يەنە ‹‹مىللەتنىڭ تەقدىرىنى زىممىمىزگە ئېلىشنى قەتئىي كېچىكتۈرمەيمىز. ئىتتىپاق، جىددىي، ئاددىي، جانلىق بولۇپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تەربىيەسىدىكى ئۈلگىلەردىن بولۇپ، يېڭى شىنجاڭنى قۇرۇش تايانچلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. دەۋر ياشلىرى، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا، غەلىبە ئالدىمىزدا›› دېگەن شۆيۈەن ناخشىسىنى تۈزۈپ بەردى، لىن جىلۇ قاتارلىق جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە دۇ جۇڭيۈەن قاتارلىق دېموكراتىك زاتلارنىڭ تەربىيەسى، يېتىشتۈرۈشىدە، چياۋ گورېن ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف ۋەكىللىكىدىكى شىنجاڭدىكى بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ياشلار ئۆسۈپ يېتىلدى. شىنجاڭ شۆيۈەنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشنى تەشۋىق قىلىش بازىسىغا، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان پېچقا، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت – مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاساسلىق بازىغا ئايلاندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىدىن لىن جىلۇ، لى يۈنياڭ، جۇ دەنخۇا، يەن يىجېن قاتارلىق 27 كىشى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ۋە ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۆتەپ، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىش خاراكتېرلىك خىزمەتلەرنى ئىشلىدى. ئۇلار ماركسىزملىق ئىدىيە، مول بىلىم، ئالىيجاناب پەزىلەت، ئەستايىدىل مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى، ماھىرلىق بىلەن تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق شىنجاڭدىكى بىر ئەۋلاد ياش ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. سابىق دىخۇا قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ شۆيۈەنى تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى چېن گۇاڭيۈ 1963 – يىلى 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى ئوقۇتقۇچىسى يەن يىجېنغا يازغان خېتىدە، ئەينى يىللىرى شىنجاڭدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنى ‹‹بىزنى ھاياتلىقنى تونۇش، دۇنيانى تونۇشقا يېتەكلىدىڭلار، بىزگە مۇھەببەت – نەپرەتنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگەتتىڭلار، مەن سىلەردىن قانداق يولدا مېڭىش، قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى بىلىۋالدىم. سىلەر خۇددى ھاياتلىق ۋە ئىدىيەنىڭ چىراغ نۇرىدەك ئىللىق، يورۇق نۇر چاچتىڭلار، سىلەرنىڭ كۆيۈنۈشۈڭلار ۋە تەربىيەڭلەر بىلەن مېنىڭ ھاياتىم شادلىققا تولدى›› دەپ تەرىپلىگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ تەربىيەسى ۋە تەسىرىدە شىنجاڭدا بىر ئەۋلاد ئىنقىلابىي ياشلار ئۆسۈپ يېتىلدى.

  ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش

  شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا، كومپارتىيەگە قارشى تۇرغاندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە تاشلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بىر قىسىم ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىنقىلابىي ياشلار مەخپىي ئىلغار تەشكىلات قۇرۇشقا باشلىدى. 1945 – يىلى 5 – ئايدا ئابدۇكېرىم ئابباسوف غۇلجىدا لىن جىلۇنىڭ قۇربان بولغانلىق قايغۇلۇق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، غەزەپكە تولۇپ، ئۇستازى لىن جىلۇغا تەزىيە بىلدۈرۈپ ‹‹شۇم خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆز ياشلىرىم سەلدەك ئاقتى. ئۇستازىمىزنىڭ ئىدىيەسى مەڭگۈ نۇرلىنىدۇ، ئىنقىلابىي قەھرىمانلىق ئىستىلى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، تەربىيەلىگەن شاگىرتلىرىڭىز ھەممە يەرگە تارقالدى، ئىلى دەرياسى بويىدا ئىنقىلاب تۇغى جەۋلان قىلىدۇ›› دەپ شېئىر يازدى. ئۇلار ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىسسىق قېنىغا دەسسەپ، جاھانگىرلار ۋە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئاخىرىدا شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىنقىلابىي كۈرىشىنى جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلغان، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇردى.

  تارىخ ماركسىزمنى تاللىدى، سوتسىيالىزم يولىنى تاللىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز يولىدا مۇستەقىل مېڭىپ، نۇرغۇن جاپا – مۇشەققەتلەرنى تارتىپ، تۈرلۈك بەدەللەرنى تۆلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ۋۇجۇدقا چىقاردى ۋە راۋاجلاندۇردى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم پارتىيە ۋە خەلقنىڭ 90 نەچچە يىللىق كۈرىشى، ئىجادىيىتى، جۇغلانمىسىنىڭ تۈپ نەتىجىسى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىق ئەمەلىيىتىنىڭ تۈپ يەكۈنى.

   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزمدا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇردى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، ھازىر ئىلمىي سوتسىيالىزم 21 – ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۇنيادا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈردى. ماركسىزمنىڭ ھەقىقەتلىكىدىن، ئىلمىيلىكىدىن قىلچە گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، يەنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن باتۇرانە ئالغا باسىدۇ!

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى