تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماركسىزمنىڭ ئىلمىي ئەقىل – پاراسىتى ۋە نەزەرىيە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلايلى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا (3)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھەر ۋاقىت نەزەرىيەۋى تەپەككۇر بولمىسا قەتئىي بولمايدۇ؛ ئوبيېكتىپ دۇنيانى تونۇش ۋە ئۆزگەرتىش ماركسىزمدىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالدىن ھەر ۋاقىت ئايرىلالمايدۇ.

  ‹‹يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى يەنىلا ماركستىن ئۆگىنىپ، ماركسىزمنى ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن ئۈزلۈكسىز ئىلمىي ئەقىل – پاراسەت ۋە نەزەرىيە كۈچى قوبۇل قىلىشى كېرەك››. ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلاردىن ماركسىزم – لېنىنىزمنى تېخىمۇ ئاڭلىق، تېخىمۇ قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئۆگىنىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشنى، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇزاققىچە ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، سوئال قويۇپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ، ئىلمىي ئىدىيەۋى نەزەرىيەنى دۇنيانى تونۇش، دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى قۇدرەتلىك ماددىي كۈچكە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ ماركسىزمنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز، كاللىمىزنى ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن يەنىمۇ قوراللاندۇرۇشىمىزنى ئۇسۇل ۋە كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم بىلەن قوراللانغان پارتىيە، ماركسىزم جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ غايە – ئېتىقادىنىڭ جېنى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۈشكۈل قىيىنچىلىقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىپ زورىيىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب دەل ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا باشتىن – ئاخىر ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدە. يېڭى دەۋردە جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ، ماركسىزمنىڭ پىرىنسىپىنى چۈشىنىشنى ئۆزلىرىنىڭ بىر خىل تۇرمۇش ئادىتى، مەنىۋى ئىنتىلىشى قىلىشى، كىلاسسىك ئەسەرلەر ئارقىلىق دۇرۇس ئىستىل تۇرغۇزۇشى، ئىدىيەسىنى تاۋلىشى، مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈشى، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

  ماركسىزملىق ئىدىيەۋى نەزەرىيەنىڭ مەزمۇنى مول، چوڭقۇر بولۇپ، ئۆگەنگەنسېرى يېڭىلىنىدۇ. يېڭى دەۋردە ماركستىن ئۆگىنىشتە، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەلەپ قىلغاندەك، ماركسىزمنىڭ كىشىلەر جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، كىشىلەر بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، دۇنيا تارىخى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى، ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك. چېچىلاڭغۇ ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق ئۆگىنىشتە، قۇرۇق ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەلگۈسىدە دۇچ كېلىدىغان بىر قاتار زور مەسىلىلەرنى تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرە، تېخىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئويلانساق ۋە ئىگىلىسەكلا، ئىرادىمىز تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن، ئىشەنچىمىز تېخىمۇ چىڭىغان، ئەقىل – پاراسىتىمىز تېخىمۇ تولغان ھالدا يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىدا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت غايەت زور پاراخوتنىڭ توغرا نىشاننى بويلاپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

  ئەمەلىيەت قارىشى، تۇرمۇش قارىشى ماركسىزملىق بىلىش نەزەرىيەسىنىڭ ئاساسىي قارىشى، ئەمەلىيەتچانلىق ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ باشقا نەزەرىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن ئالاھىدىلىكى. ئۆگەنگەننى ئىشلىتىش، ئىشلىتىش جەريانىدا ئۆگىنىشكە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەينەن ئۆگىنىپ، ئىدىيە جەۋھىرىنى پىششىق ئوقۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى پىششىق ئىگىلەپ، ماركسىزملىق نەزەرىيە ساپايىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرەلەيمىز. مەسىلە شەيئىلەر زىددىيىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى، مەسىلە ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مەسىلە يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققىتىمىزنى دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن زور رېئال مەسىلىلەرگە، ئومۇمىيلىققا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىلەرگە، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، رېئال مەسىلىلەرنى ماركسىزمنى ئاڭلىق قوللانغان ھالدا چوڭقۇر تەھلىل قىلساقلا، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى يېڭى ئىدىيە، يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئۇسۇلغا ئىگە قىلالايمىز.

    ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆگىنىشكە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، مۇقەررەركى يەنە ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ››. بىز ماركسىزمنىڭ ئىلمىي ئەقىل – پاراسىتى ۋە نەزەرىيە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىمىز.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى