تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بېيجىڭلىق ئەر – خوتۇننىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ‹‹مايسا يېتىشتۈرۈش›› خاتىرىسى

  يامغۇردىن كېيىنكى خوتەن شەھىرىنىڭ كوچىلىرى باھار تۈسىگە كىردى. ئەتراپنى يامغۇردىن كېيىنكى سېغىز توپىنىڭ پۇرىقى قاپلىغانىدى، سائەت 9 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، بېيجىڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر جاڭ رۈي خوتۇنى خاۋ ۋاڭخۇڭ بىلەن ئۆيىدىن چىقتى، ئۇ خوتۇنىنى ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىۋاتقان يەسلىگە ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، بىر كۈنلۈك خىزمىتىنى باشلىدى.

  خوتەن شەھىرىدىن 20 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خوتەن دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكا كەسىپلەر باشلامچى رايونى بېيجىڭ شەھىرى خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ قۇرغان تۈرلەرنىڭ بىرى. زامانىۋىلاشقان 138 ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى پارنىكىدا ئۈزۈم، بۆلجۈرگەن، گىلاس، سەرەبىل، شالغۇت بۇغداي، يەم – خەشەك كۆممىقونىقى ۋە ھۆل كۆممىقوناق قاتارلىق 30 نەچچە خىل يېڭى سورت يېزا ئىگىلىكىدە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈلگەنىدى. 58 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان جاڭ رۈي تۈر مەسئۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ رەسمىي سالاھىيىتى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى يىرىك پىلان تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

  جاڭ رۈي شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كېلىشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ شەھەرلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ مېۋىلىك دەرەخ مۇتەخەسسىسى ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاكادېمىيە پارتكومىنىڭ رەھبەرلىرى مەن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە سەل ئىككىلەنگەنىدىم. ھۆججەتتە پىرىنسىپ جەھەتتىن 55 ياشتىن تۆۋەن كادىرلارنىڭ تاللاپ ئەۋەتىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەنىدى، مەن بولسام 56 ياشتىن ئاشقانىدىم. رەھبەرلەر خوتەندە يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسى كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ ۋەزىپىنى جەزمەن ياخشى ئىجرا قىلىشىم كېرەك ئىدى.

  4 – ئاينىڭ ئاخىرىلىرىدا ھاۋا خېلى ئىسسىپ قالغانىدى، كەسىپلەر رايونىدىكى ئۈزۈم بارىڭىدا يېقىندىلا بېيجىڭدىن كىرگۈزۈپ تىكىلگەن نەچچە يۈز تۈپ ئۈزۈم كۆچىتى ناھايىتى ياخشى ئۆسۈۋاتاتتى. جاڭ رۈي پارنىكتا ئىشچىلارغا كۆچەتلەرنى سېلىشتۇرۇپ تۈرگە ئايرىش، ئۈزۈم تېلىنى پۇتاش قائىدىسىنى چۈشەندۈرۈۋاتاتتى، ئۇنىڭ پىشقان تېخنىك ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا بىلىۋالغىلى بولاتتى.

  ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن جاڭ رۈي ئىشنى كەسكىن، گەپنى ئورۇنلۇق قىلاتتى، ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزمەيتتى. ئۇ ھەر ھەپتىدە كەسىپلەر رايونىغا ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ قېتىم بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشلىرىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى ۋە ئۇنى ماسلاشتۇردى، يەنە ئىشچىلارنىڭ كۆچەت تىكىشتە دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرىگە ئەستايىدىل جاۋاب بەردى ھەم ئۇلارنىڭ چۈشەنمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ‹‹ئېنىق بىلەلىدىڭىزمۇ›› دەپ قايتا – قايتا سوراپ تۇردى.

  خوتەن ۋىلايىتى شىنجاڭنىڭ ئەڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، قۇملۇق، چۆللۈك ۋىلايەت ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %63ىنى، بوستانلىق ئاران %3.7نى ئىگىلەيدۇ، كىشى بېشىغا ئاران 0.87 مو تېرىلغۇ يەر توغرا كېلىدۇ. تېرىلغۇ يەر ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىل بويى قۇم – بورانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن دېھقان يەرلىرىگە ياڭاق بىلەن بۇغداينى كىرىشتۈرۈپ تېرىيدۇ، ھوسۇلىنىڭ ئاز – كۆپ بولۇشىنى ھاۋارايى بەلگىلەيدۇ. يەرلىكتە پارنىك كۆپ بولسىمۇ، بىراق ياخشى سورت ۋە تېخنىكا كەمچىل بولغاچقا، يەرلەرنىڭ بوش قېلىش نىسبىتى بىرقەدەر يۇقىرى ئىدى.

  جاڭ رۈينىڭ قارىشىچە، قۇرغاق، قاقاس، ئۈنۈمسىز قۇملۇقتا نى – نى ئىشلارنى قىلغىلى بولىدىكەن: قۇياش نۇرى تولۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول؛ قىروۋسىز مەزگىل ئۇزاق، يەنە كېلىپ كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ؛ قۇرغاق، ھۆل – يېغىن ئاز بولسا، زىيانداش ھاشاراتلارمۇ ئاز بولىدۇ؛ قىشتا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق. ئۆزگىچە تەبىئىي شارائىت خوتەننى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە قىلغان، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ، يەرلىكتىكى دېھقانلار قۇملۇقتا ‹‹ئالتۇن تۇخۇم›› غا ئېرىشەلەيدۇ.

  بېيجىڭدىكى خوتەنگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلگەن بېيجىڭ شەھەرلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قوللىشىدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى، بېيجىڭ شەھەرلىك دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنىدىن كەلگەن توققۇز مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى كەسىپلەر رايونىنى تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى، ئۇلار خوتەننىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى يەرلىك 12 باشلامچى كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى بىلەن قوشماقلىشىپ كەسىپلەر رايونىغا ماكانلاشتى، ھەر بىر تېرىقچىلىق تۈرىگە داڭلىق مۇتەخەسسىسلەر ئەترىتى يېتەكچىلىك قىلدى.

  جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: كەسىپلەر رايونىدا بىر قانچە پارنىك ياساپ قويۇش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ، كارخانا ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكىلەر كەسىپلەر رايونىدا تېخنىكا ئۆگەنسە، كەسىپلەر رايونى سىرتىدا كەڭ كۆلەمدە تېخنىكا ئومۇملاشتۇرۇپ، دېھقانلارنى، بولۇپمۇ نامرات ئائىلىلەرنى تېرىقچىلىق قىلىشقا يېتەكلەپ، دېھقانلارنىڭ سېتىپ چىقىرىشىغا ھەمكارلىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ.

  خاۋ ۋاڭخۇڭ مۇنداق دېدى: ئېرىم خىزمەتتە ئەستايىدىل، جاپاغا چىدايدىغان، ئەمما مىجەزى چۇسراق كىشى. بەزىدە تۈرنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولۇپ قالسا تېرىكىپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ ھەمىشە دېھقانلار مايسىنى بالدۇرراق تېرىپ پۇل تاپسىكەن، دەپ ئالدىرايدۇ. جاڭ رۈي مۇنداق دېدى: پارنىكتا بىخلىنىۋاتقىنى پەقەت مايسىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى يەرلىكتىكى ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈمىدى.

  جاڭ رۈي كەسىپلەر رايونىدىكى پارنىكتا ئالدىراش يۈرگەندە، ئۇنىڭ خوتۇنى خاۋ ۋاڭخۇڭمۇ بىكار تۇرمىدى، ئۇنىڭمۇ خوتەندە ‹‹مايسا يېتىشتۈرىدىغان›› ئىشى بار ئىدى.

   خاۋ ۋاڭخۇڭ 2017 – يىلى 7 – ئايدا خوتەنگە تۇغقان يوقلىغىلى باردى. پېنسىيەگە چىققان خاۋ ۋاڭخۇڭ ئېرىنىڭ دەۋەت قىلىشى بىلەن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياردىمىدە قۇرۇلغان خوتەن ‹‹جىڭدۇ›› يەسلىسىگە ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى. ئۇ ئىلگىرى ئوقۇتقۇچى بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ، بالىلارغا ئامراق بولغاچقا، يېڭى خىزمەتكە تېزلا ماسلىشىپ كەتتى. ئۇ ھازىر يەسلىنىڭ 1 – يىللىق 3 – سىنىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، بالىلارغا كۈندە قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ئۇلارنى ئوينىتىدۇ، چارچاپ كەتسىمۇ، ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ.

  خاۋ ۋاڭخۇڭ ئوچۇق مىجەزلىك بولۇپ، ناخشا ئېيتىشقا، ئەلنەغمىلەرگە ئامراق ئىدى، تەيجى گۇمپىسىنى ناھايىتى ياخشى ئوينايتتى. ئۇ قول ھۈنىرىگە ناھايىتى ئۇستا بولۇپ، بالىلارغا سېغىز توپىدا ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساشنى ئۆگىتىپ، بالىلارنى ناھايىتى قىزىقتۇراتتى ھەم خۇش قىلاتتى. يەسلىدىكى ياش ئوقۇتقۇچىلار ئۇنى يېقىن كۆرۈپ ‹‹خاۋ ھامما›› دەپ ئاتايتتى.

  ئۈچ ياشلىق رەھىمە خاۋ ۋاڭخۇڭغا بەك ئامراق، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاپىسىنىڭ‹‹خاۋ مومىڭىز يەسلىدە سىزنى ساقلاۋاتىدۇ›› دېگەن گېپىنى ئاڭلىسا، ئاندىن يەسلىگە بېرىشقا ئۇنايدۇ، خاۋ مومىسىنى كۆرمىسىلا يىغلايدۇ. شۇڭا خاۋ ۋاڭخۇڭ كۈندە ئەتىگەندە دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ رەھىمەنى كۈتۈۋالىدۇ.

  خاۋ ۋاڭخۇڭ مۇنداق دېدى: پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن خوتەنگە كېلىپ ئارتۇقچىلىقىمنى جارى قىلدۇرۇۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرىم بىلەن بىر يەردە ئىشلەۋاتىمىز، ھەممىلا ئادەمگە بۇنداق ياخشى پۇرسەت كېلىۋەرمەيدۇ. ھازىر بالىلارغا تېخىمۇ قىيالمايدىغان بولۇپ قالدىم، ئەسلىدە يەسلىگە بىر يىل ياردەم بېرىشكە كەلگەنىدىم، ھازىر ۋاقىتنى ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى