تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ماركسىزم جۇڭگونى داغدام يولدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى

  ــــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى توغرىسىدا (2)

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ‹‹ماركسىزم دۇنيانى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماي، جۇڭگونىمۇ چوڭقۇر ئۆزگەرتتى››، ‹‹ماركسىزم جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى››، ماركس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تارىخ، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات تارىخىنى چىقىش قىلىپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن ئۇلۇغ ھالقىشنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، ماركسىزمنىڭ بىزنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت قۇرۇشتىكى تۈپ يېتەكچى ئىدىيەمىز بولۇشتەك ئۇزاق مۇددەتلىك يېتەكچى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر شەرھلەپ بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتە، ئاڭلىق ھالدا ماركسىزمنىڭ سادىق ئېتىقادچىلىرى، قەتئىي ئەمەلىيەتچىلىرى بولۇپ، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن قەتئىي تىرىشىشىمىز كېرەك.

  ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن كېيىن، غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر پاراخوت – زەمبىرەكلىرىگە تايىنىپ، جۇڭگونىڭ دەرۋازىسىنى قوپاللىق بىلەن ئېچىپ، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىدە شانلىق مەدەنىيەت ياراتقان جۇڭخۇا مىللىتى ئىچكى – تاشقى مالىمانچىلىق قاپلىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ باي – قۇدرەتلىك، خەلقنىڭ بەخت – سائادەتلىك بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ۋەزىپىسىگە ئايلاندى. كونىچە دېھقانلار ئۇرۇشى ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىپ قالغان، فېئوداللىقنىڭ يىلتىزىغا تېگىش قىلمايدىغان ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ھەرىكىتى ۋە ئىسلاھاتچىلىق ئارقا – ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان، باشقا تۈرلۈك لايىھەلەر ئارقا – ئارقىدىن بەربات بولغان ئەھۋالدا... ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ زەمبىرەك ئاۋازى جۇڭگوغا ماركسىزم – لېنىنىزمنى ئېلىپ كېلىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جاپالىق چىقىش يولى ئىزدەۋاتقان جۇڭگو خەلقىگە ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەن، ئۇلارنى يېپيېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ چوڭ تارىخىي دولقۇندا، ماركسىزمنى يېتەكچى قىلغان، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ تارىخىي مۇھىم ۋەزىپىسىنى باتۇرلارچە زىممىسىگە ئالغان، جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ ئالەمشۇمۇل مۆجىزە يارىتىدىغان ماركسىزملىق پارتىيە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن بارلىققا كەلگەن. ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان بۇ زور ئۆزگىرىش يېقىنقى دەۋردىن كېيىنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە مۇساپىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى ۋە تەقدىرىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى، دۇنيانىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى.

  ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش دەۋرىدە، جۇڭخۇا مىللىتى شەرقىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى قۇتقۇزالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭلا جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى؛ يېڭى دەۋردە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا ئومۇميۈزلۈك، ئىجادىي تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك تارىخىي ئۆزگىرىشنى بارلىققا كەلتۈردى، جۇڭخۇا مىللىتى بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. بۇ ئۇلۇغ ھالقىشتىن ئىبارەت پولاتتەك پاكىت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرغاندىلا ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە ماركسىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىلمىي سوتسىيالىزم 21 – ئەسىردىكى جۇڭگودا قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى دۇنيادا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

  ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ماركسىزمنىڭ تەقدىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەقدىرى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەقدىرى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن ئاللىقاچان چەمبەرچاس باغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە ھەقىقىيلىقى جۇڭگودا تولۇق سىناقتىن ئۆتتى، ئۇنىڭ خەلقچىللىقى ۋە ئەمەلىيەتچانلىقى جۇڭگودا تولۇق ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئۇنىڭ ئوچۇقلۇقى ۋە دەۋرچانلىقى جۇڭگودا تولۇق نامايان قىلىندى. ماركسىزم جۇڭگونىڭ ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگودىن ئىبارەت شەرقتىكى بۇ قەدىمىي چوڭ دۆلەتكە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مىسلىسىز تەرەققىيات مۆجىزىسىنى ياراتقۇزدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ ماركسىزمنى تاللىشى پۈتۈنلەي توغرا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ماركسىزمنى ئۆز بايرىقى ئۈستىگە يېزىشى پۈتۈنلەي توغرا، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش پۈتۈنلەي توغرا بولغان.

  ماركس ياشىغان دەۋر دەل جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخى باشلانغان دەۋر. ماركس غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىدىن ئىبارەت ئەينەن ئەھۋالنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقلىغان. ماركس، ئېنگېلس جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلەر مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسىلىشىگە قوشقان تۆھپىسىنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈرگەن، ‹‹جۇڭگو سوتسىيالىزمى››نىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىنى ئىلمىي مۆلچەرلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ماركسقا شۇنداق تەسەللى بېرەلەيمىزكى، ماركسىزم جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇشنىڭ داغدام يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىشقا يېتەكلىدى، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى ماركس، ئېنگېلس تەسەۋۋۇر قىلغان ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئۈزلۈكسىز ھالدا جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىدا جانلىق نامايان قىلغۇسى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى